ۋاڭ خۇنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2025.02.27 14:59 مەنبە: خەلق تورى

سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 31-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى. ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىنقى مەزگىلدە كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئومۇمىي پىروگرامما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ كەڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، چوڭقۇر كېڭىشىشكە تەشكىللەپ، كەڭ پۇقراۋى كارخانىلارنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا يېتەكلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ لياۋنىڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، جىلىن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا دائىر نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، قىممىتى بار پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باھار بايرىمى ھارپىسىدا ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىغاندا ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغاندا ھەم باھار بايرىمىنى كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خەلق ئۈچۈن دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش بويىچە «خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك.

يىغىندا سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنى ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ۋە رىياسەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننى ياخشى ئېچىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىغىننىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا مەسلىھەت ۋە تەكلىپ بېرىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىشەنچ ۋە كۈچنى تارقىتىپ، يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا شۆ جىڭشيانىڭ سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 10-يىغىنىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا سۇنۇلدى.

رەئىسلەر يىغىنى«يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش» دېگەن باش تېمىدا 2025-يىللىق تۇنجى قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش ئۆتكۈزدى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خەن جۈن تەكلىپ بىلەن دوكلات بەردى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، لياڭ جېنيىڭ، سۇ خۇي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپ ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار قارالمىلار توغرىسىدا ئىزاھات بەردى ۋە دوكلات بەردى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى تەيفېڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن خۇ چۈنخۇا، جوۋ چياڭ، باتېر، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، چېن ۋۇ، مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، جياڭ شىنجى، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن يىغىنغا قاتناشتى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ