2-ئاينىڭ 24-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ «ئوزۇقلۇق تاماق» ياردەم پۇلى ئۆلچىمى دۆلەتنىڭ ياردەم پۇلى ئاساسىدا، ھەربىر ئوقۇغۇچىغا كۈنىگە ئىككى يۈەن كۆپەيتىلىپ، ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ئەسلىدىكى بەش يۈەندىن يەتتە يۈەنگە ئۆستۈرۈلۈپ، 1 مىليون 873 مىڭ 800 يېزا ئوقۇغۇچىسىغا نەپ يەتكۈزۈلىدىكەن.
بۇ قېتىمقى ئۆلچەمنى ئىككى يۈەن ئۆستۈرۈشتىكى مەقسەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ يېتەرلىك ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئىكەن. چۈشلۈك تاماقتا گۆش، تۇخۇم، سۈت مەھسۇلاتلىرى ۋە يېڭى مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلار بىلەن تەمىنلەش قېتىم سانى ۋە مىقدارى ئاشۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلار ھەر كۈنى ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئاقسىل، ۋىتامىن، مىنېرال ماددا قاتارلىق ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلارنىڭ يېتەرلىك قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈش مەبلىغىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە نازارىتى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشنى بېسىپ تارقىتىپ، ھەرقايسى جايلاردىن سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت بىلەن ھوقۇق بىردەك بولغان خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەكتەپ ئاشخانىسى ۋە مال بىلەن تەمىنلىگۈچى كارخانىلارغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىش، ساقلاش، پىششىقلاپ ئىشلەشتىن تارتىپ تەقسىملەپ يەتكۈزۈشكىچە بولغان پۈتۈن جەرياندا ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلەپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يولغا قويۇش جەريانىدا يولۇققان مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقلارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.