جياڭ خەيجۈن شىنجاڭ سىفەن داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى

2025.02.26 14:34 مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ ئۈندىدار سالون خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ سىفەن داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش توغرىسىدىكى قارارىنى ئېلان قىلغان. يولداش جياڭ خەيجۈن شىنجاڭ سىفەن داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى، يولداش گې گو شىنجاڭ سىفەن داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدىغان بولدى.

شىنجاڭ سىفەن داشۆسى ئورگان تورىنىڭ ھازىرقى رەھبەرلىك سەھىپىسىدە كۆرسىتىلىشىچە: جياڭ خەيجۈن، ئەر، خەنزۇ، 1968-يىل 3-ئايدا تۇغۇلغان، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ يۇڭجوۋ شەھىرىدىن، دوكتور ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، پىروفېسسور، 2025-يىل 2-ئايدا ھازىرقى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ