مۇخبىرىمىز ياڭ مىڭفاڭ ئارداق
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سانجى شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ كەيشىۋېي سولياۋچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە كىرگەندە، سېختا ماشىنىلار گۈرۈلدەيتتى، ئىشچىلار سولياۋ يوپۇق ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلىتىۋاتاتتى. «15 گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى 24 سائەت توختىماي ئىشلەپ، كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارى 50 توننىغا يەتتى، ھازىر 5000 توننا سولياۋ يوپۇق زاپاس ساقلاندى.»-دېدى ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ مۇدىرى لۇ فۇسەي.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەلىپى يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.» ھازىر، تارىم ئويمانلىقىدىكى كېۋەزلىكتىن ئالتاي تېغى ئېتىكىدىكى بۇغدايلىققىچە، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان يېزا ئىگىلىك باغچىسىدىن كوئېنلۇن تېغى ئېتىكىدىكى مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكىغىچە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار دېھقانچىلىق پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈردى.
يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا جابدۇقلىرىنىڭ تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىش كېرەك. 2-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى قايلور بازارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئامبىرىدا بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان شوپۇرسىز سېيالكا سىناق قىلىنىپ بولدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تېخنىكى ئەخمەت تۇرسۇن ئېكراننى يېنىك چېكىپ، گۇرۇپپىلاپ تېرىش چوڭقۇرلۇقى، قۇر ئارىلىقى پارامېتىرىنى دەرھال ھاسىل قىلدى، «ئىلگىرى تەجرىبىگە تايىنىپ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەڭشەشتە خاتالىق پەرقى چوڭ ئىدى، ھازىر يان تېلېفون ئەمەلىي قوللىنىشچان ئەپچىقى ئارقىلىقلا ئېنىقلىق دەرىجىسىنى توغرىلىغىلى بولىدىغان بولدى.»
سانجى دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىكى ئېلېكتىرونلۇق چوڭ ئېكراندا تېرىلغان زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش مۇھىتى، يېزا ئىگىلىك ھاۋارايىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار ھەر ۋاقىت كۆرسىتىلىپ تۇراتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش تېخنىكىسى، سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە سۈپەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇردى.
ئاۋات ناھىيەسىدىكى بىر يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز تۈرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، بىرنەچچە چوڭ تىپتىكى قېزىش ماشىنىسى ئېرىق چېپىۋاتقان بولۇپ، ھەربىر ئاپتوموبىل تۇرۇبا يولى ئورنىتىشنى كۈتۈپ تۇراتتى. «يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى ئېتىزلارنى كىچىكىدىن باشلاپ چوڭايتىپ، تارقاقلىقتىن يىغىلىپ، پۈتۈن جەريانلىق ماشىنىلاشقان مەشغۇلاتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېرىقچىلىق تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى.» دېدى ئاۋات ناھىيەسى كاڭزې كېۋەز تېرىش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى گو چاۋ.
شىنجاڭدا جەمئىي 59 مىليون 890 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىندى، بۇ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنىڭ% 72.8 ىنى ئىگىلەيدۇ، 2035-يىلىغا بارغاندا شارائىتى ھازىرلانغان مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنىڭ ھەممىسىنى تەدرىجىي ھالدا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلاردا يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش بىلەن تولۇق قاپلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانلاندى.
يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. جۇڭلياڭ تۈنخې سانجى پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، قىپقىزىل، پارقىراق پەمىدۇرلار تاللاش، پارچىلاش، ئالدىن قىزدۇرۇش، بوتقىلاپ ئىنچىكە ئىشلەش قاتارلىق ھالقىلاردىن كېيىن پەمىدۇر قىيامىغا ئايلاندى، شىركەت ئىشلەپچىقارغان پەمىدۇر ئۇرۇقى مېيى، لىكوپېن قاتارلىق ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلار دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى بازارلاردا بازار تاپتى.
2-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2025-يىلى شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يەنە 1 مىليارد جىڭدىن ئارتۇق ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئاساسىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشى، يېزا رايونلىرىنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشى، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر شيې يىڭجوۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، 3 ـ كەسىپنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تۈركۈم يېزا ـ كەنت خاس كەسىپلىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان بازار ۋە 100 مىليون يۈەنلىك كەنتنى يېتىشتۈرۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىش ۋە كۇرسلۇق مەھسۇلات تىجارىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياخشى مەھسۇلاتلارنىڭ چوڭ بازارنى ئىگىلەپ، ياخشى باھادا سېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.