ئاي شارىغا ئېلىپ چىقىلغان شىنجاڭ ئوت-چۆپ ئۇرۇقىنىڭ پىچىتى 3-ئاينىڭ بېشىدا ئېچىلىپ سىناق قىلىپ تېرىلىدۇ

2025.02.25 14:48 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇلتۇر 5-ئايدا چاڭئې 6-نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بىلەن بىللە ئاي شارىغا ئېلىپ چىقىلغان 200 گىرام ئېغىرلىقتىكى تۆت خىل شىنجاڭ ئوت-چۆپ ئۇرۇقى يېقىندا «شەرەپ بىلەن يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن» بولۇپ، 3-ئاينىڭ بېشىدا پىچىتى ئېچىلىپ سىناق قىلىپ تېرىلىدىكەن.

بۇ، شىنجاڭ ئوت-چۆپ ئۇرۇقىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاي شارىغا ئېلىپ چىقىلىشى، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئوت-چۆپ ئۇرۇقىنى ئاي شارىغا ئېلىپ چىقىشى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ قېتىم ئېلىپ چىقىلغان تۆت خىل شىنجاڭ ئوت-چۆپ ئۇرۇقى ئايرىم-ئايرىم ھالدا يانتاق، خوتەن چوڭ يوپۇرماقلىق بېدىسى، شىنجاڭ چوڭ يوپۇرماقلىق بېدىسى، شىنمۇ 4-نومۇرلۇق سۆسۈن چېچەكلىك بېدە بولۇپ، ھەممىسى شورغا، سوغۇققا، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە. يانتاق يېرىم چاتقالغا تەۋە بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى بىرقەدەر يۇقىرى، ئۇرۇقىدىكى ياغ مىقدارى يۇقىرى، مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، ئوتلاقنىڭ چېكىنىشىنى تىزگىنلەش، قۇرغاق، چۆل دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى بوستانلىقلارنىڭ شورلىشىشى ھەم قۇملىشىشىنى ئازايتىش، بوستانلىقلارنى قوغداش، كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولغا ئىگە؛ شىنجاڭ چوڭ يوپۇرماقلىق بېدىسى بىر خىل ئەلا سۈپەتلىك يەرلىك بېدە سورتى بولۇپ، ئۇزاققىچە ياشىرىپ تۇرىدۇ ھەم ئاسان قۇرۇپ كەتمەيدۇ، يۇقىرى ھوسۇل مەزگىلى ئون يىلدىن ئاشىدۇ، ھوسۇلى بىرقەدەر مۇقىم بولىدۇ.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شىنجاڭ ئوت-چۆپ ئۇرۇقىنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا توشۇلۇشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس. 2022-يىل 6-ئايدا، شىنجاڭنىڭ تۆت خىل ئوت-چۆپ ئۇرۇقى شېنجوۋ 14-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىلدى، بۇنىڭ بىلەن شورغا، سوغۇققا، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق ئوت-چۆپلەرنى ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىپ تەجرىبە قىلىش باشلاندى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ