شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلاندى

2025.02.25 14:47 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2024-يىلى، شىنجاڭنىڭ ئاتموسفېرا، سۇنى تۈزەش بويىچە باھالاش نىشان-ۋەزىپىسى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلانغان، سۇ سۈپىتىنىڭ ئەلا، ياخشى بولۇش نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغان، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلانغان.

ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىدە «ئىككى ئۆرلەش، بىر تۆۋەنلەش» داۋاملىق ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 2024-يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھاۋا سۈپىتىدە يىللىق نىشان-ۋەزىپىلەر نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلاندى، ھاۋا سۈپىتى ئەلا، ياخشى بولغان ئوتتۇرىچە كۈن سانى نىسبىتى %79.7 بولۇپ، 2023-يىلىدىكىدىن 3 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى؛ PM2.5 ، PM10نىڭ ئوتتۇرىچە قۇيۇقلۇقى 2023-يىلىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %16.9، %9.7 تۆۋەنلىدى؛ ئېغىر بۇلغانغان كۈن سانى جەمئىي 24 كۈن بولۇپ، %0.5نى ئىگىلىدى، 2023-يىلىدىكىدىن 43 كۈن ئازىيىپ، 0.8 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى. تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئەلا، ياخشى بولغان ئوتتۇرىچە كۈن سانى نىسبىتى %90كە يەتتى،PM2.5 ، PM10 ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2023-يىلىدىكىدىن %19.4، %14.9 تۆۋەنلىدى. «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئەلا، ياخشى بولغان ئوتتۇرىچە كۈن سانى نىسبىتى %83.7كە يەتتى، بولۇپمۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئەلا، ياخشى بولغان كۈن سانى تۇنجى قېتىم 300 كۈندىن ئېشىپ، 312 كۈنگە يېتىپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى نەتىجە يارىتىلدى.

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سۇ مۇھىتىنىڭ سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئەلا بولۇپ، دۆلەتنىڭ باھالىشىغا كىرگۈزۈلگەن يەر ئۈستى سۈيى كەسمە يۈزى سۇ سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇش نىسبىتى %95.9كە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 5.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، ناچار V تۈردىكى كەسمە يۈزدە نۆل ھالەت ساقلاندى.

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تۇپراق مۇھىتىنىڭ سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، بۇلغانغان تېرىلغۇ يەردىن بىخەتەر پايدىلىنىش نىسبىتى %100كە يېتىپ، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش يېرىدىن بىخەتەر پايدىلىنىشقا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىندى.

پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيە سۈپىتى ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولدى، تۆت تۈرلۈك ئاساسلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارى «14-بەش يىل»دىكى بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاش ئاساسىدا داۋاملىق تۆۋەنلىدى، شەھەر ئاۋاز مۇھىتى سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خەۋپ-خەتىرى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇلدى ۋە تىزگىنلەندى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ