يېقىندا، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى «< شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ خىراجەت كىرىم-چىقىمىنى باشقۇرۇش چارىسىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى>دىكى قىسمەن مەزمۇنلار توغرىسىدىكى تولۇقلىما ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتقان بولۇپ، 2025-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بايرامدا ئۇيۇشما ئەزالىرىغا تارقىتىدىغان بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنىڭ ئۆلچىمىنى پۈتۈن يىلدا 1500 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكتىن بىر يىلدا 2000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىككە ئۆستۈرگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرغان.
بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 500 يۈەنلىك سومما ئاساسلىقى دېھقانلارغا ياردەم بېرىپ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش، خىزمەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىشتا ئۆزئارا ياردەم بېرىپ كاپالەتلەندۈرۈش پائالىيىتى قاتارلىق كوللېكتىپ پاراۋانلىق جەھەتتىكى چىقىملارغا ئىشلىتىلىدۇ. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ خىراجەت كىرىم-چىقىمىنى باشقۇرۇش چارىسىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «تەپسىلىي قائىدە» دېيىلىدۇ)گە ئاساسەن، ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن قانۇندا بەلگىلەنگەن بايراملاردا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرىغا بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بەرسە بولىدۇ. ھال سوراش بۇيۇملىرى پىرىنسىپ جەھەتتە جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بايرام ئادىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بۇيۇملار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىغا زۆرۈر تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلار ، مەسىلەن، ئادەتتىكى زۇڭزا، يۆبىڭ، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت، مېۋە-چېۋە، قۇرۇق يەل-يېمىش، يۇيۇش-ئاسراش بۇيۇملىرى قاتارلىقلار بولىدۇ.
«تەپسىلىي قائىدە»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، قولايلىق، جانلىق تارقىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تارقاتسا بولىدۇ، لېكىن نەق پۇل، مال سېتىۋېلىش كارتىسى، پۇل بېلىتى قاتارلىقلارنى تارقىتىشقا بولمايدۇ.