نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيەلەردىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا تۆت يىل مەملىكەت بويىچە يېزا ئاھالىلىرى كىرىمىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن ئېشىپ كەتتى

2025.02.18 16:03 مەنبە: خەلق تورى

يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا مىنىستىرلىقى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ گەنجوۋ شەھىرىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىل ئۆتكۈنچى مەزگىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر يىلى، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ياردەم بېرىش ۋە يۆلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئۇل تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۆتكۈنچى مەزگىلدىن بۇيانقى ئۇدا ياردەم بېرىش ۋە يۆلەش ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلاردا مەسئۇلىيەت، سىياسەت، خىزمەت جايىدا ئەمەلىيلەشتى، پۇختا ئەمەلىيلەشتى، ياردەم بېرىلگەن كەسىپلەر سىجىل تەرەققىي قىلىپ زورايدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆلىمى مۇقىملىق ئاساسىدا ئاشتى، رايونلارنىڭ تەرەققىيات پەرقى سىجىل كىچىكلىدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيەلەردىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا تۆت يىل مەملىكەت بويىچە يېزا ئاھالىلىرى كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن تېز بولدى، تۆۋەن چەك چىڭ ساقلاندى، تەرەققىيات كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى، جىپسىلاشتۇرۇش مۇقىم ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ