مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىگىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) گاز پۈركۈش كۈچى بىلەن ئىلگىرىلىتىش تەجرىبىخانىسى يەر يۈزىگە يېقىن ئاسمان جىسىملىرى تەتقىقات مەركىزى (CNEOS)نىڭ بىلدۈرۈشىچە، «2024 YR4» ناملىق بىر كىچىك سەييارىنىڭ 2032-يىلى يەر شارىغا سوقۇلۇش نىسبىتى %2 ئىكەن. نۆۋەتتە «2024 YR4» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار يەنىلا چەكلىك، لېكىن مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ كىچىك سەييارىنىڭ دىيامېتىرى 40 مېتىردىن 90 مېتىرغىچە ئارىلىقتا بولۇپ، ئۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىر چوڭ تىپتىكى ئىمارەتكە باراۋەر كېلىدىكەن.