مۇخبىرنىڭ 2-ئاينىڭ 16-كۈنى شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2024-يىلى شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتىدىن ئومۇمىي جەھەتتىن رازى بولۇش دەرىجىسى 93.9 نومۇرغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە 5-ئورۇندا تۇرۇپ، ئۇدا نەچچە يىل مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن.
مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭىشىپ، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. 2024-يىلى، شىنجاڭنىڭ يۇغۇرما شەكىلدىكى مېتېئورولوگىيە مۇلازىمەت ئىقتىدارى مۇقىم ئاشتى.