يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى!

2025.02.17 15:52 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، شىنجاڭ سودا ئىشلىرى ئاۋىياتسىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىپ «شىنجاڭ سودا ئىشلىرى ئاۋىياتسىيەسى» دېيىلىدۇ) شېنجېن-قورغاس-ئالمۇتا-ياۋروپا « TIR يۈك ئاپتوموبىلى+خەلقئارا پۈتۈن يۈك ئايروپىلانى»دىن ئىبارەت ئىككى دېڭىز ھالقىغان تىرانسپورت لىنىيەسىنى ئىشقا كىرىشتۈردى. بۇ يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىككى دېڭىزنى كېسىپ ئۆتۈپ ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان ھاۋا بوشلۇقى يېڭى كۆۋرۈكىنى بىۋاسىتە بەرپا قىلىپ، ماللارنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك توشۇلۇشى ۋە سودا ئالاقىسىگە تۈرتكە بولدى.

بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە B737-700F پۈتۈن يۈك ئايروپىلانى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، يۈك توشۇش مىقدارى 17.5 توننا، شېنجېندىن يولغا چىقىپ، TIR يۈك ئاپتوموبىلى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ قورغاس پورتىغا توشۇلىدۇ، تاموژنىدىن ئۆتكەندىن كېيىن قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا خەلقئارا ئايروپورتىغا بىۋاسىتە توشۇلىدۇ. يۈك قۇراشتۇرۇش تاختىسى، قاچىلاپ توشۇش تاماملانغاندىن كېيىن، شىنجاڭ سودا ئىشلىرى ئاۋىياتسىيەسىنىڭ پۈتۈن يۈك ئايروپىلانى ئارقىلىق ئالمۇتا خەلقئارا ئايروپورتىدىن يولغا چىقىپ، كاسپىي دېڭىزى، قارا دېڭىز رايونىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ياۋروپاغا جايلاشقان سىپرۇس لاناكا خەلقئارا ئايروپورتىغا توشۇلىدۇ. ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى ئاساسلىق مال تۈرلىرى چېگرا سىرتىغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ماللىرىدىن ئىبارەت.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ