شىنجاڭدىكى بىر جايدا «شەرتسىز» مەكتەپكە كىرىش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى!

2025.02.17 15:51 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 2-ئاينىڭ 14-كۈنى كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلدىن باشلاپ، كورلا شەھىرى «شەرتسىز» مەكتەپكە كىرىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغان.

ئىگىلىنىشىچە، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ بىللە كۆچۈپ كەلگەن پەرزەنتلىرى ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ئارقىلىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپكە كىرىشكە توردا تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدىكەن، باشقۇرغۇچى خادىملار ۋە تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى كورلا شەھىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ (يەسلى)لەرگە يۆتكىلىپ ئوقۇشقا توغرا كەلسە، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشىگە ئالاقىدار سىياسەت، بەلگىلىمىلەر بويىچە، كورلا شەھىرىگە قاراشلىق مەكتەپلەردە ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلىنىدىكەن ھەمدە كورلا شەھىرى نوپۇسىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدىكەن.

كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ بىللە كۆچۈپ كەلگەن پەرزەنتلىرىدىن كورلىغا كېلىپ ئوقۇيدىغانلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، نوپۇس دەپتىرى،ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ياكى مەھەللىدە ئولتۇراقلىشىش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىسىلا بولىدۇ، ئۆي سېتىۋالغان-سېتىۋالمىغانلىقى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسى بار-يوقلۇقى، ئۇزاق مۇددەت تۇرغان-تۇرمىغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، توردا تىزىملىتىپ كورلا شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپتە ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، مەكتەپكە كىرىش شەرتى يوق؛ تىزىمغا ئالدۇرۇش جەريانى توردا ئىلتىماس قىلىش، توردا تەكشۈرۈش، توردا ئورۇن تەڭشەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۆزى نەق مەيدانغا بېرىپ بېجىرىش ھاجەتسىز، قاتراش ھاجەتسىز، قولايلىق ھەم تېز.

كارخانىلاردىكى يۇقىرى قاتلاملىق باشقۇرغۇچى ئىختىساسلىقلار ۋە تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىدىن كورلا شەھىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ (يەسلى) لەرگە يۆتكىلىپ ئوقۇشقا توغرا كەلگەنلىرى يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەشتە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىگە ئۇيغۇن كەلسە، توردا تىزىملىتىش سۇپىسى ئارقىلىق ئايرىم تەسىس قىلىنغان «يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنىڭ پەرزەنتلىرى مەكتەپكە كىرىش» كۆزنىكىدە تىزىملاتسا بولىدۇ، تەۋسىيە قىلىنغان كورلا شەھىرىگە قاراشلىق مەكتەپلەرگە ئاساسەن، شەخسىي ئارزۇسى بويىچە ئارزۇسى بار مەكتەپتىن ئۈچنى تاللىسا، ئارزۇسى بار مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش رايونىدىكى ئۆي بىلەن ئىگىسى بىردەك بولغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ