بىرما تايلاندقا تېلېگراف ئالدامچىلىقى رايونىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان 261 نەپەر خادىمنى ئۆتكۈزۈپ بەردى

2025.02.14 14:26 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى، بىرما تايلاندقا تېلېگراف ئالدامچىلىقى رايونىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان 261 نەپەر خادىمنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ھەم تايلاند ھەربىي تەرىپىدىن تايلاند چېگراسى ئىچىگە قوغداپ ئېلىپ كېلىنگەن. تايلاندنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پۇتان بىرمىنىڭ يېقىندا يەنە تايلاند تەرەپكە تېلېگراف ئالدامچىلىقى رايونىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان تەخمىنەن 7000 نەپەر خادىمنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 9 دىن باشلاپ، تايلاند ھۆكۈمىتى بىرما چېگراسىدىكى بەش جاينىڭ توك تەمىناتى، ئالاقە تورى مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنى ئۈزۈپ تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تايلاند يەنە بۇ رايونلارنى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىپ، ئالدامچىلىق رايونىنىڭ تىجارەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ چەكلىدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ