ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مىكرو بىلوگىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى دوۋ ۋەنگۇينىڭ پارا ئېلىشقا چېتىشلىق دېلوسىنى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇرغان، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بېكىتىشى بىلەن، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى ليۇجوۋ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلىگەن. يېقىندا ليۇجوۋ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ليۇجوۋ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى.
تەپتىش ئورگىنى قاراپ چىقىپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جاۋابكار دوۋ ۋەنگۇيغا بەھرىمەن بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئۇقتۇردى ھەمدە جاۋابكار دوۋۋەڭگۇينى سوراق قىلىپ، ئاقلىغۇچىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى. تەپتىش ئورگىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: جاۋابكار دوۋ ۋەنگۇي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تولى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇۋەققەت شۇجىسى، شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈپ، باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان، سوممىسى ناھايىتى زور بولۇپ، قانۇن بويىچە پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.