مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2025-يىلى، شىنجاڭ شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، شەھەر-بازارلاردىكى 258 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىپ، 76 مىڭ ئائىلىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان. بۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 118 ئولتۇراق رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، 18 مىڭ ئائىلىگە مەنپەئەت يەتكۈزىدىكەن.
شىنجاڭ 2019-يىلى شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى يولغا قويغاندىن بۇيان، خەلقنى مەركەز قىلىپ بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىمارەتلەردە ئېنېرگىيە تېجەش، يوللارنى قاتتىقلاشتۇرۇش، تۇرۇبا لىنىيەلىرىنى ئالماشتۇرۇش، كۆكەرتىش بەلبېغى بەرپا قىلىش، ئارام ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئاساسىي تۈرلەر، مۇكەممەللەشتۈرۈلىدىغان تۈرلەر، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدىغان تۈرلەر بويىچە ئۆزگەرتىشنى قانات يايدۇردى. 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر-بازارلاردىكى ئۆزگەرتىلگەن كونا ئولتۇراق رايون جەمئىي 6888 بولۇپ، 1 مىليون 166 مىڭ 700 ئائىلىلىك ئاھالىگە نەپ يەتكۈزۈلۈپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ئۈنۈملۈك ياخشىلاندى، ئاھالىلەرنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.
2024-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش نازارىتى قۇرۇلۇش ھېسابات دەپتىرى ھەم تۈر تىزىملىكى تۇرغۇزۇش، سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، نەق مەيداندا مۇلازىمەت قىلىش-يېتەكلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ھەرقايسى جايلارنىڭ شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش تۈرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشىغا ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلدى. پۈتۈن يىلدا شەھەر-بازارلاردىكى 857 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش يولغا قويۇلۇپ، 193 مىڭ 800 ئائىلىلىك ئاھالىگە نەپ يەتكۈزۈلدى، 304 مىڭ مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تۈرلۈك تۇرۇبا لىنىيەسى يېڭىلاندى ۋە ئۆزگەرتىلدى، 1 مىليون 263 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى ھازىر بار بولغان ئىمارەتلەرنى ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە ئۆزگەرتىش تاماملاندى، يەر ئۈستى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن 3590ى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى، توكلۇق ئاپتوموبىل، موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توكلىغۇچتىن 830ى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش نازارىتى تۇرالغۇ كاپالەت باشقارمىسى (تۇرالغۇ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات باشقارمىسى)نىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى بەي لىن مۇنداق تونۇشتۇردى: 2025-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش نازارىتى شەھەرنى يېڭىلاشقا بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى سىجىل كۈچەيتىپ، سىياسەت، كەسىپ جەھەتتىن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆزگەرتىشتىن ئىلگىرى ئۆزگەرتىش تىزىملىكىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئۆزگەرتىش لايىھەسىنى ئىلمىي تۈزۈپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق مەبلەغ غەملەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.