بۇ يىل شىنجاڭ 80 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ تاشيول قاتنىشى ئاساسىي ئەسلىھەلىرىنى قۇرىدۇ

2025.02.10 14:54 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىر ما يىنىڭنىڭ 2025-يىللىق شىنجاڭ قاتناش-تىرانسپورت خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ تاشيول قاتنىشىغا 80 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.5 ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك (1-دەرىجىلىك) تاشيولنى 13 مىڭ كىلومېتىر ئەتراپىغا يەتكۈزۈپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى 8000 كىلومېتىردىن ئاشۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسىنى «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشاندىن ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 230 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇر يېڭىدىن ياسالغان دۆلەت، ئۆلكە دەرىجىلىك 9 غول لىنىيەلىك تاشيولنىڭ ھەممىسىدە ئۆز قەرەلىدە ئىش باشلانغان، دۆلەت، ئۆلكە دەرىجىلىك 16 غول لىنىيە تۈرى پۈتۈپ قاتناش باشلانغان، تىيانشان غالىبىيەت تونېلى مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن تۇتاشتۇرۇلغان، شىنجاڭغا كىرىپ-چىقىدىغان بىر يول يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ۋە تۆت ناھىيە، شەھەرگە يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 ـ دەرىجىلىك) تاشيول تۇتاشتۇرۇلغان، ئاپتونوم رايون بويىچە ناھىيە-شەھەرلەرگە يۇقىرى سۈرئەتلىك (1-دەرىجىلىك) تاشيولنى تۇتاشتۇرۇش نىسبىتى %94 تىن ئاشقان، 3A ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك (1-دەرىجىلىك) تاشيول بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %95 كە يەتكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ