غوجىئەخمەت تۇرسۇن ئەنخۇي ئۆلكىسى خۇەينەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى

2025.02.07 14:58 مەنبە: خەلق تورى

ئەنخۇي ئۆلكىسى خۇەينەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتىنىڭ «رەھبەرلەر كۆزنىكى» سەھىپىسىدە يېقىندا كۆرسىتىلىشىچە: خۇەينەن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غوجىئەخمەت تۇرسۇن خۇەينەن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن.

ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىدا كۆرسىتىلىشىچە، غوجىئەخمەت تۇرسۇن، ئەر، ئۇيغۇر، 1978-يىل 1-ئايدا تۇغۇلغان، ئالىي مەكتەپ قانۇنشۇناسلىق ماگىستىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، ھازىر خۇەينەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

ئىلگىرى ئالىي مەكتەپتە سىياسىي يېتەكچى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى (بۆلۈم دەرىجىلىك)، شۆيۈەن پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، ئورگان پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، ئالىي مەكتەپ پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى، خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ