شىنجاڭدا مالايشىياغا قاتنايدىغان تۇنجى قەرەللىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىدۇ

2025.02.07 14:50 مەنبە: خەلق تورى

2-ئاينىڭ 24-كۈنى، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى- گۇاڭجوۋ-كۇئالالۇمپۇر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدۇ، بۇ شىنجاڭدىن مالايشىياغا قاتنايدىغان تۇنجى قەرەللىك خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بولۇپ، ئىككى جايدىكى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى ۋە مەدەنىيەت، ساياھەت ئالاقىسىگە قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك «بوشلۇق كۆۋرۈكى» ھازىرلاپ بېرىدۇ.

پات ئارىدا يېڭىدىن ئېچىلىدىغان ئۈرۈمچى- گۇاڭجوۋ -كۇئالالۇمپۇر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى CZ5065/6 بولۇپ، ھەر دۈشەنبە، شەنبە كۈنلىرى ئىجرا قىلىنىدۇ، بوئىن B737-8 تىپلىق ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ. بېرىش مۇساپىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ نومۇرى CZ5065 بولۇپ، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، سائەت 15 تىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە گۇاڭجوۋغا يېتىپ بارىدۇ، سائەت 17 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە گۇاڭجوۋدىن ئۇچۇپ، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 21 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە كۇئالالۇمپۇرغا يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىش سەپىرىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى CZ5066 بولۇپ، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 8 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە كۇئالالۇمپۇردىن ئۇچۇپ، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە گۇاڭجوۋغا قونىدۇ، سائەت 15 تىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە گۇاڭجوۋدىن ئۇچۇپ، سائەت 20 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ