مۇخبىرنىڭ 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە
2025-يىللىق ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ
شىنجاڭدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەردە
1-يىللىقتىن 9-يىللىققىچە بولغان تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرسى
ھەر كۈنى بىر دەرس سائىتى قىلىپ تەڭشەلدى
ئادەتتە دەرس ئارىلىقىدىكى ۋاقىت 10 مىنۇتتىن 15 مىنۇتقا ئۇزارتىلدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر كۈنى مەكتەپ ئىچىدىكى ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە پائالىيەت ۋاقتى ئىككى سائەتتىن تۆۋەن بولمايدۇ.
جايلار، مەكتەپلەر سىياسەتنى يولغا قويۇش جەريانىدا ھەرقايسى پەنلەرنىڭ دەرس سائىتى ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ۋاقتىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق پىلانلاپ، ھەر كۈنى بىر سائەتلىك تەنتەربىيە دەرسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، بارلىق ئوقۇغۇچىلار قاتناشمايدىغان ئۆزگىچە دەرس ۋە قىزىقىش دەرسى، دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت قاتارلىقلارنى تەنتەربىيە دەرسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ، باشقا پەن ۋە پائالىيەتلەرنىڭ تەنتەربىيە دەرس ۋاقتىنى ئىگىلىۋېلىشى ياكى ئىشلىتىۋېلىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جايلار، مەكتەپلەر ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان رايونلار، مەكتەپلەرنىڭ تىپىك تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئارىلىقىدىكى پائالىيەت ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ئۇنىڭدىن باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ زۆرۈر چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، ئوقۇغۇچىلاردىن مەكتەپكە مۇددەتتىن بۇرۇن بېرىشنى، مەكتەپتىن كېچىكىپ ئايرىلىشنى تەلەپ قىلىش شۇنداقلا شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ۋاقتىنى ئۇزارتىش، دەرسخانا ئوقۇتۇشى ۋە دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت ۋاقتىنى قىسقارتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.