1-ئاينىڭ 23-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر ئامېرىكا تەرەپنىڭ «پارىژ كېلىشىمى»دىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى توغرىسىدا سوئال سورىدى. بۇنىڭغا قارىتا، ماۋ نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنىڭ «پارىژ كېلىشىمى»دىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدۇ. كىلىمات ئۆزگىرىشى پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق خىرىس، ھېچقانداق بىر دۆلەت ئۆزىنى چەتكە ئالالمايدۇ، شۇنداقلا ھېچقانداق بىر دۆلەتمۇ ئۆزىنىلا ئويلاپ، باشقىلار بىلەن كارى بولماي تۇرالمايدۇ.
ماۋ نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىز داۋاملىق ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، ئادىل، مۇۋاپىق، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان دۇنياۋى كىلىمات تۈزەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، دۇنياۋى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.
مەنبە: خەلق تورى