مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، شىنجاڭ «ئاپتونوم رايوننىڭ 2025-يىللىق ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئۆلچىمىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئۇقتۇرۇش»دېيىلىدۇ )نى بېسىپ تارقىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئۆلچىمىنى تەڭشىگەن. تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئۆلچىمى 2025-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق ئايرىڭلاشتۇرۇلدى: ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئۆلچىمى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ %90ى بويىچە بېكىتىلىدۇ. 2025-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭدا يېڭى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى يولغا قويۇلۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئۆلچىمى بىرتۇتاش تۆۋەندىكىدەك تەڭشىلىدۇ: 1-دەرىجە ئېيىغا 1863 يۈەن؛ 2-دەرىجە ئېيىغا 1701 يۈەن (تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى ئېيىغا 1710 يۈەن بويىچە ئىجرا قىلىدۇ)؛ ئۈچىنچى دەرىجە ئېيىغا 1575 يۈەن. بۇ قېتىمقى تەڭشەشتىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئۆلچىمى ئېيىغا ئوتتۇرىچە 1521 يۈەندىن ئېيىغا ئوتتۇرىچە 1713 يۈەنگە ئۆستۈرۈلۈپ، ئېيىغا ئوتتۇرىچە 192 يۈەن كۆپەيتىلىپ، ئىشسىزلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى يەنىمۇ كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.