دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارى ئۇدا ئون يىل دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى

2025.01.23 16:42 مەنبە: خەلق تورى

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ يۈنمىڭ 21-چېسىلا گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرى» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق بىلدۈردى: 2024-يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارى 10 مىليون ئاپتوموبىل دەرىجىلىك پەللىگە يېتىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 12 مىليون 888 مىڭ ۋە 12 مىليون 866 مىڭ ئاپتوموبىلغا يەتتى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارى ئۇدا ئون يىل دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى.

ئۆتكەن ئون يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارى 10 مىڭ ئاپتوموبىل دەرىجىسىدىن 10 مىليون ئاپتوموبىل دەرىجىسىگە ھالقىپ، مەھسۇلاتلىرى 70 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا ئېكسپورت قىلىنىپ، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ «يارقىن نام كارتىسى»غا ئايلاندى.

يىغىندا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىقتىدارى، كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلىتىش قولايلىقى يەنىمۇ ئۆسكەن بولۇپ، ئاپتوموبىللارنىڭ ئوتتۇرىچە يۈرۈش مۇساپىسى 500 كىلومېتىرغا يېقىنلاشقان. دۆلىتىمىز پۈتۈن زەنجىرلىك، مۇكەممەل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن دۇنيانى %70 باتارېيە ماتېرىيالى، %60 ئېنېرگىيە باتارېيەسى بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، 12 مىليون 818 مىڭ توك قاچىلاش تۈۋرۈكى، 4443 توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىنى قۇرۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆلەملىك توك قاچىلاش تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، 15 مىنۇتتا %80 توك قاچىلايدىغان تېز توك قاچىلاش تېخنىكىسىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە قوللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

جاڭ يۈنمىڭ مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، يېڭى سىستېما باتارېيەسى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا تېزدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باتارېيە ئالماشتۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېتەكچى پىكىرنى تۈزۈپ، ئاپتوموبىللارنىڭ كاربون قويۇپ بېرىش، ئاپتوموبىل ئېنېرگىيە باتارېيەسىنىڭ كاربون ئىزىنى باشقۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىمىز، ھېسابات ئۆلچىمى ۋە نەتىجىسىنى خەلقئارادا ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنى گۇرۇھلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشنى تەتقىق قىلىپ، ئەۋزەل كارخانىلارنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشى، سەرخىللىشىشى، كۈچىيىشىنى قوللاپ، بازارنىڭ رىقابەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كەسىپ ئېكولوگىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرىمىز.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ