مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى: 2024-يىلى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىدىن 3375 كىشىگە دېلو تۇرغۇزۇلۇپ، 3917 كىشىگە جازا بېرىلدى

2025.01.23 16:40 مەنبە: خەلق تورى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئېلان قىلغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2024-يىلى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رىۋىزىيە ئورگانلىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رىۋىزىيە كادىرلىرىغا چېتىشلىق 28 مىڭ 700 پارچە قېتىمدىن ئارتۇق مەسىلە يىپ ئۇچى ياكى ئىنكاس قوبۇل قىلىنىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رىۋىزىيە كادىرلىرىغا چېتىشلىق 25 مىڭ 700 دىن ئارتۇق مەسىلە يىپ ئۇچى بىر تەرەپ قىلىنغان، سۆھبەتلىشىلگەن، خەت ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈرۈلگەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رىۋىزىيە كادىرى 9041 ئادەم قېتىمغا يەتكەن، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رىۋىزىيە كادىرىدىن 3375 كىشىگە دېلو تۇرغۇزۇلۇپ، 3917 كىشىگە جازا بېرىلگەن، 374 كىشى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە نازارەت، ئىدارە دەرىجىلىك كادىردىن 158 كىشىگە، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك كادىردىن 957 كىشىگە جازا بېرىلگەن.

2024-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى «تۆت خىل ھالەت»نى قوللىنىپ، 21 مىڭ 500 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رىۋىزىيە كادىرىغا تەنقىد-تەربىيە بەرگەن ۋە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، 1-خىل ھالەت تەتبىقلىنىپ 17 مىڭ 476 ئادەم قېتىم تەنقىد-تەربىيە بېرىلگەن ۋە بىر تەرەپ قىلىنغان، 2-خىل ھالەت تەتبىقلىنىپ 3149 ئادەم قېتىم بىر تەرەپ قىلىنغان؛ 3-خىل ھالەت تەتبىقلىنىپ 516 ئادەم قېتىم بىر تەرەپ قىلىنغان، 4-خىل ھالەت تەتبىقلىنىپ 435 ئادەم بىر تەرەپ قىلىنغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ