خەلق پۇلى، چوڭ خەۋەر!

2025.01.23 16:35 مەنبە: خەلق تورى

گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، يېقىندا جۇڭگو خەلق بانكىسى سىرىلانكا مەركىزىي بانكىسى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۆز پۇلىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى داۋاملىق ئىمزالىغان، ئالماشتۇرۇش كۆلىمى 10 مىليارد يۈەن/410 مىليارد سىرىلانكا رۇپىيەسى بولۇپ، كېلىشىمنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئۈچ يىل ئىكەن، ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن مۇددەتنى ئۇزارتىشقا بولىدىكەن.

جۇڭگو بىلەن سىرىلانكىنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز پۇلىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى داۋاملىق ئىمزالىشى ئىككى دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-سىرىلانكا ئارا ئۆلچەملىك پۇل ئىشلىتىشنى كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك سودا ۋە سېلىنمىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ