جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم ئېلانى!

2025.01.23 16:31 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش يىرىك پىلانى (2024-يىلىدىن 2027-يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقاتتى.

يىرىك پىلاندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2027-يىلىغا بارغاندا، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ؛ 2035-يىلىغا بارغاندا، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يېزىلاردا زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلىنىدۇ.

يىرىك پىلاندا شەھەر-يېزا تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ياخشىلاش، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى تۈرلەر بويىچە تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسى ھەر تەرەپلىمە پۇختىلىنىدۇ؛ يېزا-كەنت كەسىپلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛ يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە ئاتلىنىشقا جەلپ قىلىنىدۇ؛ يېزا-كەنت مەدەنىيىتى گۈللەندۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى مەدەنىي يېزا ئىستىلى يېتىلدۈرۈلىدۇ؛ يېزا ـ كەنتلەرنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىدا يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش تېزلىتىلىدۇ؛ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ بەخت-سائادىتى ئاشۇرۇلىدۇ؛ يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلىدۇ؛ يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ