يېقىندا مۇخبىرنىڭ خېبېي ئۆلكىلىك ئېكولوگىيە-مۇھىت نازارىتى ئاچقان «پولات-تۆمۈر قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى كارخانىلارنىڭ مۇھىت قوغداش ئۈنۈمى بويىچە A نەتىجە يارىتىشىنى ئالغا سىلجىتىش» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، خېبېيدىكى تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان 55 كارخانىنىڭ مۇھىت قوغداش نەتىجىسى A دەرىجىگە يېتىپ، پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىۋاتقان كارخانىلارنىڭ ھەممىسى ئومۇميۈزلۈك A نەتىجە يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.
2023-يىل 5-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېيدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا ھەم بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك». پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «قارار»ىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «كارخانىلارنىڭ رەقەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان تېخنىكا، يېشىل تېخنىكا قوللىنىپ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللاش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېبېي پولات-تۆمۈر قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى كارخانىلارنىڭ مۇھىت قوغداش ئۈنۈمىدە A دەرىجە بەرپا قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجە ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.
A دەرىجە بەرپا قىلىش نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟
پولات سۇنى پولات تاختىغا ئايلاندۇرۇشقا يەتتە مىنۇتلا كېتىدۇ! خەندەن شەھىرى ۋۇئەن شەھىرىگە جايلاشقان خېبېي تەيخاڭ پولات-تۆمۈر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئادەتتىن تاشقىرى قىسقا جەريانلىق پولات پىروكاتلاش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، قىزدۇرۇش پېچىدا قىزىتىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئىش تەرتىپلىرىنى تېجەپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %40 تۆۋەنلىتىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى %70 تۆۋەنلەتتى، يەنە 0.7 مىللىمېتىرلا كېلىدىغان ياخشى پولات ئىشلەپچىقىرالايدۇ. سېتىش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى يەنپېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: كۆپ يىللار ئىلگىرى، تەيخاڭ پولات-تۆمۈر شىركىتى مۇھىت قوغداش ئۈنۈمى بويىچە C دەرىجىلىك كارخانا بولۇپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىشى كۆپ ئىدى، ھاۋا ئېغىر بۇلغانغان مەزگىلدە ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قوياتتى؛ 2023-يىلى، گۇرۇھ يېپيېڭى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كىرگۈزۈپ، ھۈنەر-سەنئەت تەرتىپىنى قايتا ياراتتى.
خېبېينىڭ پولات-تۆمۈر ساھەسىدىكى بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارى پۈتۈن ئۆلكىدىكى سانائەتنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %40ىنى ئىگىلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسى مۇھىت قوغداش نەتىجە-ئۈنۈمىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، «كۆپ بۇلغىما قويۇپ بەرگەنلەرگە كۆپ چەك قويۇش، ئاز بۇلغىما قويۇپ بەرگەنلەرگە ئاز چەك قويۇش، بۇلغىما قويۇپ بەرمىگەنلەرگە چەك قويماسلىق»تەك پەرقلىق باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، پولات-تۆمۈر كارخانىلىرىنى يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە يېتەكلىدى.
A دەرىجە بەرپا قىلىش ئاسان ئەمەس، ھۆكۈمەت-كارخانا-مەكتەپ ھەمكارلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى. تەيخاڭ پولات-تۆمۈر چەكلىك شىركىتى پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تەجرىبىخانىنى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە قۇردى؛ كەسپىي مەكتەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، كەسىپ ئىشچىلىرىنى دەرسخانىغا كىرىپ بىلىم ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ۋۇئەن شەھەرلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارماقلىرى كارخانىلارنىڭ A دەرىجە بەرپا قىلىش ئېھتىياجىنى ئىز قوغلاپ ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، نۇقتىدىن نۇقتىغا ياردەم بېرىش-يۆلەشنى قانات يايدۇردى.
نۇقتىدا ياردەم بېرىپ يۆلەپ، ئومۇميۈزلۈك كۈچىدى. خېبېي پولات-تۆمۈر قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ مۇھىت قوغداش ئۈنۈمىدە A دەرىجىلىك ئۆلچەمنى ئوتتۇرىغا چىقاردى؛ ئۆلكىلىك نۇقتىلىق ساھەلەردە مۇھىت قوغداش نەتىجە-ئۈنۈمىدە A دەرىجە بەرپا قىلىش مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى قۇردى، ساھەلەر بويىچە تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىش-يۆلەش گۇرۇپپىسى تەشكىللىدى؛ پەرقلىق توك باھاسى، مەبلەغ سېلىش، مۇكاپاتلاش، تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك قوللاش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئومۇميۈزلۈك A دەرىجە بەرپا قىلىنىپ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇندى. 2024-يىل 12-ئايدا، تەيخاڭشەن پولات-تۆمۈر چەكلىك شىركىتى A دەرىجە بەرپا قىلىش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇردى، يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياسىغان 20 نەچچە خىل ئېسىل پولاتنىڭ سېتىلىش سوممىسى شىركەت ئومۇمىي سېتىش سوممىسىنىڭ %50تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. دەسلەپكى ئۆلچەپ ھېسابلاشقا ئاساسلانغاندا، خېبېي ئۆلكىسىدىكى پولات-تۆمۈر كارخانىلىرى ئومۇميۈزلۈك A دەرىجە بەرپا قىلغاندىن كېيىن، بۇلغىما چىقىرىشنى %30تىن كۆپرەك ئازايتالايدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مۇھىت قوغداش نەتىجە-ئۈنۈمىدە A دەرىجە بەرپا قىلىش كوكسلاشتۇرۇش، بىناكارلىق ساپال بۇيۇملىرى قاتارلىق يەتتە نۇقتىلىق ساھەگە كېڭەيدى، مۇھىت قوغداش ئۈنۈمى A دەرىجىلىك كارخانا 138گە يەتتى. خېبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداش مۇنداق بىلدۈردى: «سىياسەت يېتەكچىلىكىنى سىجىل كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر-سەنئەت، يېڭى جابدۇقلارنى پائال كېڭەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد كۈچلۈك ئۆلكىسى، گۈزەل خېبېي قۇرۇشنى تېزلىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيمىز. »