جۇڭگو خەلق بانكىسى ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە: دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى قەرز پۇلى سىجىل بىرقەدەر تېز ئېشىشنى ساقلىغان. 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا بېرىلىدىغان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 32 تىرىليون 930 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.6 ئاشقان، قەرز پۇلنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئوخشاش مەزگىلدىكى تۈرلۈك قەرز پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولغان، كىچىك، مىكرو كارخانىلاردىن ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ئىناۋەت قەرزى بېرىلگەن مۇئامىلىدارلارنىڭ سانى 60 مىليوندىن ئېشىپ، تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم تىجارەت سۇبيېكتىنى قاپلىغان.
2024-يىلى، دۆلىتىمىز كۆپ تۈرلۈك تەدبىر چىقىرىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىنىڭ مىقدارىنىڭ ئېشىشى، دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى، باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە تۈرتكە بولدى. جۇڭگو خەلق بانكىسى كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا بېرىلىدىغان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق قەرز پۇلىنى قوللاش قورالىنىڭ قوللاش دائىرىسىنى يەككە مۇئامىلىدارلارغا بېرىلىدىغان ئىناۋەتلىك قەرز سوممىسى 10 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكتىن 20 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىككە كېڭەيتىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار ياشانغانلار كۈتۈنۈش مەخسۇس تەكرار قەرز پۇلىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، كىچىك كارخانىلارنى قوللاش تەكرار قەرز پۇلى، تەكرار دىسكونت سوممىسىنى مۇۋاپىق ئاشۇردى. پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى باشلامچىلىق بىلەن كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللاش بويىچە ماسلاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، يەرلىك مۇناسىپ خىزمەت مېخانىزمى تۇرغۇزۇپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجدىن ئىبارەت ئىككى ئۇچتىن كۈچەپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش ۋە بانكىنىڭ قەرز بېرىشى قىيىن بولۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ھەل قىلدى.
ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە ئومۇمىي مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىش بىلەن بىللە، دۆلىتىمىز كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى. 2024-يىلى، جۇڭگو خەلق بانكىسى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى ئىككى قېتىم جەمئىي بىر پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىتىپ، مەركىزىي بانكىنىڭ سىياسەتلىك ئۆسۈم نىسبىتىنى ئىككى قېتىم تۆۋەنلىتىپ، قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ مۇقىم تۆۋەنلىشىگە تۈرتكە بولدى، 2024-يىل 12-ئايدا، دۆلىتىمىز كارخانىلارغا يېڭىدىن بەرگەن قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى تەخمىنەن %3.43 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.36 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى.