شىنجاڭدىكى A3 دەرىجىلىك 60 دوختۇرخانا 377 تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى

2025.01.22 14:49 مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭنىڭ 2025-يىللىق «ئىككى يىغىن»ىنىڭ 4-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى يۈەن يۈرۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايونىمىز داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورىدىن ئىبارەت «ئۈچ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش» ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، A3 دەرىجىلىك 60 دوختۇرخانىنىڭ 377 تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

2024ـ يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي كاپالەتنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئامبولاتورىيەسىدە بىرتۇتاش غەملىنىدىغان فوند 2023-يىلىدىكى 3000 يۈەندىن 4000 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى، شەخسىي ئىسچوتتىكى ئورتاق ياردەم بېرىش دائىرىسى يېقىن تۇغقانلار ۋە تۇغقانلاشقان ئائىلىلەرگىچە كېڭەيتىلىپ، شىنجاڭ ئىچىدە ئورتاق ياردەم بېرىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، توققۇز تۈرلۈك كۆپىيىشكە ياردەم بېرىش تېخنىكىسى تۈرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلدى، ئېلېكتىرونلۇق قۇلاق قۇلۇلىسىنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قاتارلىق تۈرلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، دۆلەت دەرىجىلىك تۆت رايون داۋالاش مەركىزى، ئۆلكە دەرىجىلىك تۆت رايون داۋالاش مەركىزى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئاممىنىڭ داۋالىنىش، دورا سېتىۋېلىشى تېخىمۇ قولايلاشتى، ئەرزانلاشتى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ