شىنجاڭنىڭ 2025-يىللىق «ئىككى يىغىن»ىنىڭ 4-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى گولياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل شىنجاڭ نوپۇس ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان مائارىپ بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەقسىملەش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نوپۇس ساپ كىرگەن جايلاردىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەمىناتىنى كۆپەيتىدۇ، يېڭىدىن كۆپەيتىدىغان ئەلا سۈپەتلىك ئاساسىي مائارىپ مەكتەپلىرى %10تىن تۆۋەن بولمايدۇ، بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ (كېڭەيتىپ) قۇرۇپ، شەھەر-يېزا، رايون، مەكتەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى يەنىمۇ كىچىكلىتىپ، ھەربىر بالىنى «ئىشىك ئالدى»دىلا «ياخشى مەكتەپ»تە ئوقۇيالايدىغان قىلىشقا تىرىشىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ساغلاملىق بىرىنچى» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، 17 مىڭ ئېغىز سىنىپنىڭ يورۇتۇشىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس ئارىلىقىدىكى 15 مىنۇتلۇق تەنەپۇس ۋاقتىنى، ھەر كۈنى مەكتەپتىكى ئۇنىۋېرسال پائالىيەت ۋاقتى ئىككى سائەتتىن كەم بولماسلىق تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، بالىلارنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام بولۇش، ئەتراپلىق يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.