2025-يىللىق شىنجاڭ ئىككى يىغىنىنىڭ 3-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۈەن مۇنداق تونۇشتۇردى: 2025-يىلى، ئاپتونوم رايون «شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش» ماركىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن يارىتىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى، دۆلەت دەرىجىلىك باغچە رايونى قاتارلىق ئېچىۋېتىلگەن سۇپىلارنىڭ باشلامچىلىق، يېتەكچىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تاشقى مەبلەغنى جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىدۇ. ئەركىن سودا سىناق رايونىدا چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش چارىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنى داۋاملىق ياخشى ئېچىپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرىدۇ. چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كارخانىلارنىڭ «سىرتقا چىقىش»ىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، چەت ئەلگە ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى ياخشى ئىشلەپ، «كىچىك ھەم گۈزەل» تۈر ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىدۇ.