مۇبارەك بولسۇن! قومۇل!

2025.01.21 13:55 مەنبە: خەلق تورى

1-ئاينىڭ 19-كۈنى، مۇخبىرنىڭ قومۇل شەھەرلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، قومۇل شەھىرىنىڭ 2024-يىلى ئىشقا ئاشۇرغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى(GDP) 108 مىليارد 439 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.3 ئېشىپ، شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان. بۇ، شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان يەنە بىر ۋىلايەت، ئوبلاست دەرىجىلىك شەھەرنىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

«قومۇل شەھىرى 2023-يىلى تاماملىغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 98 مىليارد 270 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.3 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى شىنجاڭ بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان.» قومۇل شەھەرلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خې جىجۈن مۇنداق دېدى: قومۇل شەھىرىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 2023-يىلى ۋە 2024-يىلى ئۇدا ئىككى يىل پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر بويىچە مۇقىم 1-ئورۇندا تۇردى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ