شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى AI تەرجىمە بىرلەشمە تەجرىبىخانىسىدىن بىرى كۆپەيدى

2025.01.20 14:01 مەنبە: خەلق تورى

1-ئاينىڭ 17-كۈنى، جۇڭگو كىنوچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى سۈنئىي ئەقىل تەتقىقات ئورنى تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى بىلەن بىرلىكتە قۇرغان ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى AI تەرجىمە بىرلەشمە تەجرىبىخانىسىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى. بۇ تەجرىبىخانىنى قۇرۇشتىكى مەقسەت AI تېخنىكىسى ئارقىلىق ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش، تېكىست تەرجىمە قىلىش، ئاۋاز سىزىقىنى كىلونلاش، ئوربىتىغا بۆلۈپ ئالماشتۇرۇش قاتارلىق تولۇق تەرجىمە قىلىش تەرتىپىگە كۈچ قوشۇپ، كىنو-تېلېۋىزىيەنىڭ ئەسلىي فىلىم يېزىقچىلىق ئىستىلىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئادەم بىلەن ماشىنا ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق كىنو-تېلېۋىزىيە تەرجىمە تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، كىنو-تېلېۋىزىيە تەرجىمە ئەسەرلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە سانىنى ماس قەدەمدە ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ، شىنجاڭنىڭ كىنو تەرجىمە كەسپىنىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ يولغا قويۇشتا باسقان مۇھىم بىر قەدىمى بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى كىنولارنى تەرجىمە قىلىشنىڭ ئىجادىي تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى 1959-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، 40 نەچچە يىل شىنجاڭدا قويۇلىدىغان كىنولارنى ئاز سانلىق مىللەت تىلىغا تەرجىمە قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، تەرجىمە قىلغان كىنو ۋە تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى 20 مىڭ قىسىمدىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن ئەسەر ئاز سانلىق مىللەتلەر تېما قىلىنغان كىنو-تېلېۋىزىيە سەنئىتى تۇلپار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ