شىنجاڭ بۇ يىل بېكىتىلگەن تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇشنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇشى، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ياردەم بېرىش-يۆلەش، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، ئائىلىدە، مەھەللىدە ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى، شەھەر-يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا قانۇن ياردىمى بېرىش، رەقەملەشتۈرۈپ خەلققە قولايلىق يارىتىش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، شەھەر-يېزىلاردىكى كونا ئۇل ئەسلىھەلەرنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويىدۇ.