2024 ـ يىلى شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى

2025.01.20 13:57 مەنبە: خەلق تورى

1 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 ـ يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 2024-يىلى، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.1 ئېشىپ، 2 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى %8 ئاشتى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى %6.9 ئاشتى، جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى %2 ئاشتى، ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسى ئومۇمىي سوممىسى %21.8 ئاشتى، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى %10.5 ئاشتى، شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم %5.5 ئاشتى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى %8.2 ئاشتى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، پۈتۈن يىللىق نىشان-ۋەزىپىلەر بىرقەدەر ياخشى ئورۇنلاندى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ «مۇقىملىق» ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، «ئىلگىرىلەش» ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، «يېڭى» سۈپەت ۋە ئۈنۈم زور دەرىجىدە ئۆستى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ