1-ئاينىڭ 16-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2024-يىلى، شىنجاڭ ئاشلىق ساقلاش يېڭى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش، قوللىنىشنى تېزلەتكەن، پۈتۈن يىلدا يېڭىدىن يىغىۋېلىنغان بۇغداي سۈپىتى مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇرۇپ، ھۆكۈمەت زاپاس ئاشلىقىنىڭ ساقلاشقا باب كېلىش نىسبىتى %100كە يېتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆسكەن.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلى شىنجاڭ بۇغدىيىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %100 بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان. 1-دەرىجىلىك بۇغداينىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %96 كە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتىدىن 30 پىرسەنت پوئېنتقا يېقىن يۇقىرى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان.
مەنبە: خەلق تورى