مۇخبىرىنىڭ شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 16-كۈنى، «شىنجاڭنىڭ 1000 ئىختىساسلىق دوكتور كىرگۈزۈش پىلانى» شېنجېندا باشلانغان بولۇپ، تۇنجى قاراردا پۈتۈن دۇنيادىن 1000 دىن كەم بولمىغان دوكتور قوبۇل قىلىنىدىكەن. بۇ، شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلارغا تەشنا بولۇش كۈچلۈك سىگنالىنى يەنە بىر قېتىم تارقىتىشى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ پىلاننى شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى، شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شېنجېن شەھەرلىك ئىختىساسلىقلار گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە يولغا قويغان. باشلىنىش يىغىنى نەق مەيدانى شېنجېن داشۆسى، نەنفاڭ پەن-تېخنىكا داشۆسى، شياڭگاڭ جۇڭۋېن داشۆسى (شېنجېن)، چىڭخۇا داشۆ شېنجېن خەلقئارا ئاسپىرانتلار شۆيۈەنى، بېيجىڭ داشۆ شېنجېن تەتقىقاتچىلار شۆيۈەنى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ۋە 100 گە يېقىن دوكتورنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى قوبۇل قىلىشتا دىققەت شىنجاڭنىڭ نېفىت-تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق، چوڭ يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق يادرولۇق كەسىپلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، كەسىپ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارغا بولغان تەخىرسىز ئېھتىياجى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇلۇپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار يىلتىز تارتىپ ئۆسۈپ يېتىلىدىغان مۇۋاپىق تۇپراققا ئىگە قىلىنىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەۋقە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈپ-يېتىشتۈرۈشكە قويۇلۇپ، مائارىپ، داۋالاش ساھەسى ئۈچۈن ئىختىساسلىق دوكتورلار نۇقتىلىق قوبۇل قىلىنىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى