2024-يىلى شىنجاڭ جەمئىي 15 مىڭ 335 ساپالىق دېھقاننى يېتىشتۈردى

2025.01.17 15:16 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى ساپالىق دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈش تۈرى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدىن ئىگىلىشىچە، 2024-يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز تۈرلۈك يۇقىرى ساپالىق دېھقانلاردىن جەمئىي 15 مىڭ 335 كىشىنى يېتىشتۈرۈشنى تاماملىغان، بۇ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، كەسپىي ئىشلەپچىقىرىش تىپىدىكىلەر ۋە ماھارەت مۇلازىمەت تىپىدىكىلەر بويىچە تەربىيەلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

2024-يىلى، شىنجاڭ ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەشكە ئومۇميۈزلۈك تىرەك بولۇشنى زىچ چۆرىدەپ، دېھقانلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە تىرەك بولۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېھتىياج يۆنىلىشى، كەسىپ ئاساسىي لىنىيەسى، قاتلامغا بۆلۈپ يولغا قويۇش، يۇقىرى ساپالىق دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن جەريانلىق يېتىشتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك رايون قۇرۇشنى تېزلىتىشنى پۇختا ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسىنى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىنىڭ جەمئىيەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا داشۆسى داۋاملاشما مائارىپ شۆيۈەنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون) لىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىلىرى، يېزا ئىگىلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە مەكتىپى، بىڭتۈەن يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىسى، بىڭتۈەننىڭ 14 شىسى (شەھەر)نىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرىدىكى يۇقىرى ساپالىق دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈش تۈرىگە مەسئۇل خىزمەتچى خادىملار بولۇپ، جەمئىي 230 دىن ئارتۇق ئادەم تەربىيەلەشكە قاتناشتى، بۇنىڭدا يۇقىرى ساپالىق دېھقانلارنىڭ تەجرىبە-ئۈنۈمىنى يەكۈنلەش، ئالماشتۇرۇش، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش، يېزا-كەنت مەدەنىيىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېڭى باسقۇچتىكى پىكىر يولى يۆنىلىشىنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى بىر يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەقسەت قىلىندى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ