1-ئاينىڭ 16-كۈنى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئىشەنچسىز ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكىدىكى ئالاقىدار تەدبىرلەر توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: 2024-يىل 9-ئاينىڭ 24-كۈنى، جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا PVH گۇرۇھىغا قارىتا ئىشەنچسىز ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكى بويىچە تەكشۈرۈشنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى. نۆۋەتتىكى تەكشۈرۈشنىڭ تەرەققىياتى قانداق بولدى؟
سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مۇنداق بىلدۈردى: ئىشەنچسىز ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكى خىزمەت مېخانىزمى ئامېرىكا PVH گۇرۇھىغا قارىتىلغان تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ. دېلو تۇرغۇزۇلغاندىن بۇيان، PVH گۇرۇھىنىڭ بايانىنى، ئۆزىنى ئاقلىشىنى كۆپ قېتىم ئاڭلىدۇق، PVH گۇرۇھى تاپشۇرغان يازما ماتېرىياللارنى تەكشۈردۇق. دەسلەپكى قەدەمدە PVH گۇرۇھىدا شىنجاڭغا چېتىشلىق نامۇۋاپىق قىلمىش ساقلانغانلىقى ئېنىقلاندى. مېخانىزم ئىشخانىسى يېقىندا PVH گۇرۇھى بىلەن يەنە بىر قېتىم كېلىشىپ سۆھبەتلىشىشنى پىلانلىدى. ئاخىرقى تەكشۈرۈش نەتىجىسى قانۇن بويىچە جەمئىيەتتىكى ئاممىغا ئاشكارىلىنىدۇ.
جۇڭگو تەرەپ ئىشەنچسىز ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكى مەسىلىسىنى ئىزچىل ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ كەلدى، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى چەت ئەل ئەمەلىي گەۋدىلىرىگىلا قانۇن بويىچە قارىتىلغان، سەمىمىي، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان چەت ئەل ئەمەلىي گەۋدىلىرىنىڭ ئەندىشە قىلىشى پۈتۈنلەي ھاجەتسىز. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكىدەكلا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشى، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ ھەم قانۇن-بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودا تىجارەت قىلىشىنى مۇقىم، ئادىل ۋە كۆزلىمىلىك تىجارەت-سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى