دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن دەرھال راسچوت قىلىش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ ئىسلاھات نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇردى، يەنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۇچۇر سۇپىسىنى تىرەك قىلىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن ئالدىن تۆلەشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، بېكىتىلگەن تېببىي دورا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئىقتىدارىنى تولۇق ئويلىشىپ، 2025-يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە %80 ئەتراپىدىكى بىرتۇتاش غەملىنىدىغان رايونلاردا دەرھال راسچوت قىلىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، 2026-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى بىرتۇتاش غەملىنىدىغان بارلىق رايونلاردا دەرھال راسچوت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ھەرقايسى جايلاردىن ئەنئەنىۋى راسچوت قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇش بىلەن راسچوت قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرتىپ ۋە ۋاقىتنى تولۇق قىسقارتىپ، ئەسلىدىكى بېكىتىلگەن تېببىي دورا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىلتىماسى ئاخىرلاشقان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن تۆلەشكە كېتىدىغان ۋاقىتنى 30 خىزمەت كۈنىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكتىن 20 خىزمەت كۈنىدىن ئېشىپ كەتمەسلىككە قىسقارتىشنى، فوندتىن ئالدىن تۆلەش بىلەن دەرھال راسچوت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم فوندتىن ئالدىن تاپشۇرۇش ئارقىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ نەق پۇل ئومۇمىي مىقدارىنى ئاشۇرۇش، ھەم دەرھال راسچوت قىلىش ئارقىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ نەق پۇل ئوبوروت سۈرئىتىنى تېزلىتىشنى، نۇقتىدا سىناق قىلىش بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يەرلىكنىڭ ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، راسچوت ئەندىزىسىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، نۇقتىدىن دائىرىگە كېڭەيتىپ، قەدەمگە بۆلۈپ يولغا قويۇپ، ۋاقىت تۈگۈنى بويىچە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تاماملاشنى تەدرىجىي ئالغا سىلجىتىشنى تەلەپ قىلدى.