1-ئاينىڭ 13-كۈنى، كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقلىق دەرس تولۇقلىشىنى قاتتىق چەكلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلىپ، قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە، خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقلىق دەرس تولۇقلىشىنى قاتتىق چەكلەيدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى ھەمدە پاش قىلىش تېلېفونىنى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقلىق دەرس تولۇقلىشىنى نازارەت قىلىشى، پاش قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى توردا ياكى تور سىرتىدا ھەقلىق دەرس تولۇقلاشقا تەشكىللىشى، تەۋسىيە قىلىشى، قىزىقتۇرۇشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىغا قاتنىشىشى ياكى باشقا ئوقۇتقۇچىلار، ئاتا-ئانىلار، ئاتا-ئانىلار كومىتېتى قاتارلىقلار تەشكىللىگەن ھەقلىق دەرس تولۇقلاشقا قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ۋە باشقىلارغا ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى تونۇشتۇرۇشى، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ مەيدان، ئەسلىھە، ئۈسكۈنە قاتارلىق مەكتەپ بايلىقىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلىتىپ ھەقلىق دەرس تولۇقلاش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.
كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى «قىلچە يول قويماسلىق»تا چىڭ تۇرۇپ، بىرى بايقالسا بىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قاتتىق جازالايدۇ ۋە ئاشكارىلايدۇ. بۇيرۇقنى ئىجرا قىلمىغانلار، چەكلىسىمۇ بويسۇنمىغانلار، داۋاملىق قارشىلىشىپ ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلارنى كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. پاش قىلىش تېلېفونى: 2168231-0996، پاش قىلىش پوچتا ساندۇقى: jcs2168231@126.com.