سودا مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىككى پارچە ھۆججەت ئېلان قىلىپ، يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتىنىڭ يېڭىسىنى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسىنى يولغا قويۇش ھەمدە 2025-يىللىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كونكرېت ياردەم تولۇقلىمىسىنىڭ تۈرى ۋە ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، يان تېلېفون قاتارلىق رەقەملىك مەھسۇلاتلارنىڭ ھەربىرىگە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 500 يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ، 12 تۈردىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى مەھسۇلاتىنىڭ ھەربىرىگە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2000 يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ.
ھەرقايسى جايلار بۇ لايىھەگە ئاساسەن يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يولغا قويىدۇ.