گۇڭئەن مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، دۆلىتىمىز پۇقرالىرى چېگرا سىرتىغا ئالداپ ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قىلىش، قاپسىلىپ قېلىش دېلولىرى كۆپ يۈز بەرگەن، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى تور ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ياردەم تەلەپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلغان. گۇڭئەن مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى گۇڭئەن ئورگانلىرىنى دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ چېگرا سىرتىدا ئالاقە ئۈزۈلۈپ قېلىش، قاپسىلىپ قېلىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دىپلوماتىيە تارماقلىرى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرىنىڭ قوللىشى ۋە ھەمكارلىشىشىدا، قاپسىلىپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلىشىپ قۇتقۇزۇشنى دەرھال ئورۇنلاشتۇردى.
گۇڭئەن ئورگانلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، چېگرا سىرتىدىكى ئالدامچىلىق گۇرۇھلىرى دائىم «يۇقىرى مائاشلىق خىزمەت قىلىش، تاماق، ياتاقنى ھۆددىگە ئېلىش، ئايروپىلان بېلىتىنى ئاتچوت قىلىش، مەخسۇس ئادەم ئاپىرىپ-ئەكېلىش»نى يەمچۈك قىلىپ ياكى سودا ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش، ھەقسىز ساياھەت قىلىش قاتارلىق ناملار بىلەن چېگرا ئىچىدىكى كىشىلەرنى چېگرا سىرتىغا ئالداپ ئاپىرىپ، تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كەڭ ئامما جەزمەن ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىشى، چېگرا سىرتىدىكى يۇقىرى مائاشلىق خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىغا ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەسلىكى، ئالدامچىلىق ۋە تېلېگراف ئالدامچىلىقىنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
ئەگەر ئۇرۇق-تۇغقانلىرى چېگرا سىرتىدا ئالاقە ئۈزۈلۈپ قېلىش، قاپسىلىپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا يولۇقسا، قاراشلىق جايدىكى گۇڭئەن ئورگانلىرىغا ۋاقتىدا بېرىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىشى ھەم ماس قەدەمدە دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، كونسۇلخانىسى قاتارلىق ھۆكۈمەت تەرەپ يوللىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىشى كېرەك. گۇڭئەن ئورگانلىرى دەرھال تەھقىقلەش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان، قاپسىلىپ قالغانلارنى تەكشۈرۈپ تېپىپ قۇتقۇزىدۇ.