يىن شىيۆ قولغا ئېلىندى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئىنكاس قايتۇردى

2025.01.16 15:13 مەنبە: خەلق تورى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: كورېيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا باھا بەرمەيمىز، جۇڭگو-كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز

كورېيە زۇڭتۇڭى يىن شىيۆنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەم تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىش ھالقىسىغا كىرگەنلىكى توغرىسىدا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن 1-ئاينىڭ 15-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق بىلدۈردى: كورېيە تەرەپنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا جۇڭگو تەرەپ باھا بەرمەيدۇ.

گو جياكۇن: «جۇڭگو بىلەن كورېيە ئۆزئارا مۇھىم يېقىن قوشنا ۋە ھەمكارلىق ھەمراھلىرىدۇر، جۇڭگو تەرەپ كورېيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ» دېدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ