6 مىليارد 660 مىليون يۈەن مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلدى! مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ قوشۇش توغرىسىدا

2025.01.16 15:12 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 1 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى ئېچىلغان مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرلىرى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2025 ـ يىلى مەركەز مالىيەسى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى جىپسىلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش ياردەم پۇل مەبلىغى (ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋەزىپىسى)دىن 6 مىليارد 660 مىليون يۈەن مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلگەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بۇ مەبلەغنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملىشى، كېڭەيتىشى، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشىنى قوللايدىكەن. مىلللەتلەر ساھەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورتاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش يۆنىلىشى بويىچە ئىناق، گۈزەل كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتى، مىللەتلەر سودىسى، مىللەتلەر مەھسۇلاتلىرى كەسپىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى، مىللەتلەر قول سانائىتى ماركىسىنى يېتىلدۈرۈش، يۈكسەلدۈرۈش ھەرىكىتى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ قوشىدىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ