شى جىنپىڭ سىرى لانكا زۇڭتۇڭى دىسساناياكې بىلەن سۆھبەتلەشتى

2025.01.16 15:07 مەنبە: خەلق تورى

1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن سىرى لانكا زۇڭتۇڭى دىسساناياكې بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ دىسساناياكې بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى

1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن سىرى لانكا زۇڭتۇڭى دىسساناياكې بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا دىسساناياكې ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى

1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن سىرى لانكا زۇڭتۇڭى دىسساناياكې بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سىرى لانكا ئەنئەنىۋى دوست. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 68 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلاپ، ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو بىلەن سىرى لانكىنىڭ ئۆزئارا سەمىمىي ياردەم بېرىدىغان، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى. ھازىر، جۇڭگو - سىرى لانكا مۇناسىۋىتى ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە ئىلھام بېرىدىغان، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان تارىخىي پۇرسەتكە ئېرىشتى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو - سىرى لانكا مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن ئىگىلەپ، جۇڭگو - سىرى لانكا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو باشتىن - ئاخىر سىرى لانكىنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدىكى مۇھىم يۆنىلىش قىلىپ، ئىلگىرىكىدەكلا سىرى لانكىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، سىرى لانكا تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ، سىرى لانكا تەرەپ بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىنىڭ سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشى سىرى لانكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ سىرى لانكا تەرەپنىڭ دىققەتنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، رەقەملىك ئىقتىساد، دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى يارقىن نۇقتىنى بەرپا قىلىشىنى پائال قوللايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ «قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش»نى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ سىرى لانكا تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلار ئىچىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

دىسساناياكې مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى يىل كىرىشى بىلەن جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىمىدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. سىرى لانكا تەرەپ جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن زور تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە قايىل. جۇڭگو ئىزچىل سىرى لانكىنىڭ ئىشەنچلىك دوستى ۋە ھەمراھى. سىرى لانكا تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ سىرى لانكا تەرەپنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە يوللۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشى جەھەتتە بەرگەن قىممەتلىك مەدىتىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. سىرى لانكا تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، رايوننىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ سىرى لانكىغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، پۇل مۇئامىلە، نامراتلارنى ئازايتىش، رەقەملىك تىپ ئۆزگەرتىش، ساياھەت، دېڭىز - ئوكيان، خادىملارنى تەربىيەلەش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم يېتەكچى دۆلەت بولۇپ، خەلقئارا ئىشلاردا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. سىرى لانكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن داۋاملىق تۈردە كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىر - بىرىنى قوللاپ، ئورتاق مەنپەئەتنى ياخشى قوغداشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق يىرىك پىلانى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا كىرگۈزۈش، جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشى، ئاخبارات، رادىيو - تېلېۋىزىيە قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا دىسساناياكې ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو ۋە سىرى لانكا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. دىسساناياكې شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا دىسساناياكې ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ