گېزىتىمىز مۇخبىرى سۈن جېن، خۇ جىڭيى، مېن جيېۋېي
شەرقىي شىمالدا ئىلگىرى «قىش مۈشۈكتەك ئۆتەتتى»، ھازىر « قىش ئالدىراشلىقتا ئۆتىدۇ».
زىمىستان قىشنىڭ سوغۇقى ئۇرغۇپ تۇرغان كەيپىيات ۋە تەرەققىيات قىزغىنلىقىنى توسۇپ قالالمىدى؛ ھەممىگە مەلۇملۇق «مەبلەغ سېلىش»، «ئىقتىدارنى كېڭەيتىش»، «ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش» كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان سۆز بولۇپ قالدى.
بۇ بىر زەنجىرنىڭ پايدىسى ئىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «قار ـ مۇز ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يېڭى ئېشىش نۇقتىسى قىلىپ، قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى، قار-مۇز مەدەنىيىتى، قار-مۇز جابدۇقلىرى، قار-مۇز ساياھىتىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بويىچە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «سوغۇق بايلىق» «ئىسسىق كەسىپ»كە ئايلىنىپ، سىجىل ياخشىلىنىۋاتقان جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى جانلىق ئىزاھلاپ بەردى.
بۇ زەنجىر ئىستېمال بىلەن سېلىنمىنىڭ ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ
بىر بېلەت بىلەن ھەممە تۈرنى بەھۇزۇر ئوينىيالايسىز! خاربىن شەھىرى يابۇل بازىرى، 2025-يىلى 9-نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قار تېيىلىش تۈرى مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان كىچىك بازار بولۇپ، ئۈچ قارلىق تاغدا يېڭىدىن تۇتاش تېيىلىش يولى ياسالغان، ئۈچ تاغ تورلاشتۇرۇلغان، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى بىر كىشىلىك پۇل خەجلەپ، نۇرغۇن قار تېيىلىش مەيدانىدا قار تېيىلالايدىغان بولدى؛
تېز سۈرئەتتە قونۇش سىزنى پۇخادىن چىقىرىدۇ! يەر كۆلىمى 275 گېكتار كېلىدىغان جىلىن شەھىرىنىڭ بېيداخۇ قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا 74 قار تېيىلىش يولى بار. كەسپىي قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ئەڭ ئېگىز بولغاندا تەخمىنەن 870 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قار تېيىلىش يولىدىن پەسكە شۇڭغۇپ چۈشۈپ، پۇخادىن چىققۇچە ئوينىيالايدۇ.
قىزىقارلىق ئەمما قىممەت ئەمەس، خەلققە يېقىشلىق! 12 قار تېيىلىش يولى بار شېنياڭ دۇڭبېييا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ كەسىپچانلىقى بېيداخۇنىڭكىگە يەتمىسىمۇ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ساياھەتچى ئېقىم مىقدارى 4000 ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ: شەھەر مەركىزىگە يېقىن، 158 يۈەنلىك يۈرۈشلۈك بېلەت بىلەن قار تېيىلىش سايمانلىرى ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ، يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە ناھايىتى ماس كېلىدۇ؛ قار تېيىلىش مەيدانىدا قار ئويناش رايونى ئېچىلغان بولۇپ، قار ئۈستىدە سىيرىلىش قاتارلىق 28 تۈرلۈك قار ئۈستى ساياھەت تۈرى بالىلارنىڭ ناھايىتى ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
ئالدىنقى قار پەسلىدە، بىرنەچچە قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ساياھەتچىلەر ئېقىمى، تىجارەت كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشتى. بۇ قار پەسلىدە ۋەزىيەت ياخشى، تىرىشسىلا يېڭى رېكورت يارىتىلىدۇ.
ئىستېمال قىزغىنلىقى نېمىگە تايىنىپ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؟
كۆپ مەنبەلىك ئىستېمال مەنزىرىسى بەرپا قىلىش. «ئوخشاش بولمىغان قار تېيىلىش مەيدانلىرىدا، ئۆزگىچە مەنزىرە تەسىراتى بولىدۇ؛ بىر قار تېيىلىش مەيدانىدىمۇ كۆپ خىل كەسىپ ھالىتى بار. نۇرغۇن قار تېيىلىش مەيدانىنى سىناپ باققان كەسپىي قار تېيىلىش ھەۋەسكارى ۋۇ جىڭ بېيداخۇ كۆلىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ: كىشىلەر قار تېيىلالايدۇ، يەنە قىروۋ كۆرەلەيدۇ، ئارشاڭغا چۈشەلەيدۇ، يەرلىك كۆكتات يېيەلەيدۇ. قار تېيىلىش مەيدانى ئەتراپىدىكى بېيداخۇ بازىرى نەنگوۋ كەنتى 140 نەچچە ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنى دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىشقا يېتەكلىدى، ئۇنىڭدا ئىسسىق شەرقىي شىمال كېڭى، ھەقىقىي تۆمۈر قازان دۈملىمىسى بار...
ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش. ئىلگىرىكى دۇڭبېييا قار تېيىلىش مەيدانى پەقەت قىش پەسلىدىلا تىجارەت قىلاتتى، «بىر پەسىل ئارقىلىق تۆت پەسىلنى باقاتتى»، يىللىق تىجارەت كىرىمى ئاران 22 مىليون يۈەن ئىدى؛ 2023-يىلى، ئۆلكە دەرىجىلىك نۇقتىلىق مەدەنىيەت-ساياھەت تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قار تېيىلىش مەيدانى جەمئىيەت كۈچلىرىنى مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىشقا جەلپ قىلدى، قىشتا قار تېيىلىش، يازدا «ئوت-چۆپ تېيىلىش»، دالىدا قونۇش قاتارلىق تۆت پەسىللىك كەسىپ ھالىتى بار بولدى، 2024-يىلى تىجارەت كىرىمى 60 مىليون يۈەندىن ئاشتى.
«كېيىنكى قەدەمدە، يەنە ئەتراپتىكى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپ ھالىتى ئىقتىدارىنى يۈرۈشلەشتۈرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.» قار تېيىلىش مەيدانى ھەم ئەتراپتىكى تەرەققىيات ئۈستىدە توختالغاندا، شېنياڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك مەدەنىيەت-ساياھەت ۋە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ كېبىن مۇنداق دېدى: ئۈنۈملۈك بازار بىلەن قابىل ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، ئىستېمال بىلەن سېلىنما بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
بۇ زەنجىر ئادىمىيەت بىلەن ئىقتىسادنىڭ قوش يۆنىلىشلىك كۈچ قوشۇشىغا تۈرتكە بولدى
قار تېيىلىش مەيدانىدا يەنە بۇغا بارمۇ؟
شۇ جاينىڭ تەكلىپى بىلەن، ئىچكى موڭغۇلنىڭ خۇلۇنبېر گېنخې شەھىرى ئاۋلۇگۇيا ئېۋېنكې مىللىي يېزىسىدىن كەلگەن جاۋ يىمەن يۇرتىدىكى سەككىز شىمال بۇغىسىنى يېتىلەپ دۇڭبېييا قار تېيىلىش مەيدانىغا كەلدى. زىيارەت قىلغاندا، ئۇ ساياھەتچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتاتتى: مېنىڭ مومام دەل «ئېرگۇنا دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقى» ناملىق كىتابتىكى باش پېرسوناژنىڭ ئەسلىي تىپى بولغان، «جۇڭگودىكى ئەڭ ئاخىرقى ئايال قەبىلە باشلىقى» دەپ ئاتالغان مارىيە سو ئىدى. مېنىڭ ئەجدادلىرىم ئەۋلادمۇئەۋلاد داشىڭئەنلىڭ تېغىدىكى ئىپتىدائىي ئورمانلىقتا ياشاپ، كۆچمەن چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن. كېيىن، ئېكولوگىيەلىك كۆچۈشكە، ئوۋ ئوۋلاشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەشكە ئەگىشىپ، بىز ساياھەتچىلىكنىڭ نېنىنى يەۋاتىمىز...
يول بويى شىمالغا قاراپ مېڭىپ، خۇلۇنبېر ئېۋېنكې ئاپتونوم خوشۇنىغا كەلدۇق. ھەپتە ئاخىرىدا، بۇ يەردە قىشلىق گۆش بازىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانىدى. كالا، قوي گۆشى ھەم ئون نەچچە خىل يەرلىك خاس مەززىلىك تائام ئاپتونوم خوشۇنلۇق مەدەنىيەت ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىغا لىق تىزىلغانىدى. ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىدا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىش سارىيى ئاچقان ئېۋېنكې ئاھالە ئەيجىما مۇنداق دېدى: كىچىك ۋاقتىمدا، بىز ئېلىپ يۈرىدىغان چوڭ ساندۇقلارغا قوي-كالا گۆشىنى لىققىدە قاچىلايتتۇق، بۇ بىر قىشتىكى يېمەكلىك زاپىسىمىز بولاتتى. بۈگۈنكى كۈندە، سۇ، ئوت-چۆپ قوغلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى بىلەن خوشلىشىپ، قىشلىق گۆش ساقلاش بازار پائالىيىتىگە ئايلىنىپ، ھەم ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلەرنى خاتىرىلىدۇق، ھەم ساياھەت ئىستېمالىنى جانلاندۇردۇق، «ياز، قىشتىن ئىبارەت ئىككى ئاۋات ساياھەت پەسلىنىڭ تۈرتكىسىدە، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيىنىڭ يىللىق پايدىسى تەخمىنەن 300 مىڭ يۈەن بولدى.»
گۇاڭجوۋلۇق ساياھەتچى چېن پىڭدا مەخسۇس خۇلۇنبېرغا قار كۆرگىلى كەلگىنىدە قار-مۇز مەدەنىيىتى ئۇنىڭدا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى، «بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇشى، مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىياتىنى كۆردۇق». خۇلۇنبېر شەھەر رايونىدىن ئۆتىدىغان يىمىن دەرياسىغا نەزەر سالغاندا، دەريا بويىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر خاسلىقىغا ئىگە كىگىز ئۆيلەر قاتار تىزىلغان بولۇپ، بۇ يەردە «قار-مۇز نادام كۈنى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچى ئۇلارنى چۆرىدىشىپ، مىللىيچە ناخشا-ئۇسسۇل، ئات مىنىش ئويۇنىنى كۆرۈۋاتاتتى...
قار-مۇز قىزغىنلىقىنىڭ ئارقىسىدا مەدەنىيەت قىزغىنلىقى بار. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1400 مېتىردىن ئاشىدىغان يۈز يىللىق قەدىمىي كوچا − خاربىن مەركىزىي چوڭ كوچىسىغا كىرگەندە، تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇسقا يېقىن بولۇپ، ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولغانىدى. ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدىغان ياۋروپاچە كونا ئىمارەتلەر، قار-مۇز مەنزىرىسى مەدەنىيەتنىڭ ئوچۇقلۇقى ۋە كۆپ مەنبەلىكلىكىنى نامايان قىلاتتى. خۇبېيلىق ساياھەتچى شېن لىڭ كۆڭلىكىنى پۇلاڭلىتىپ، ئوخشاش بولمىغان مەنزىرە نۇقتىلىرىغا بېرىپ سۈرەتكە چۈشەتتى، ھەربىر پارچە سۈرەتكە چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، ساياھەت سۈرىتى تارتىش شىركىتىنىڭ مۇلازىمەتچىلىرى شەرقىي شىمال چوڭ گۈللۈك چاپىنى ۋە زەنجىۋىل چېيى سوۋغا قىلدى، «ھاۋا بەك سوغۇق، لېكىن مەنزىرە ناھايىتى گۈزەل، قەلبلەر تولىمۇ ئىللىق».
سودا، ساياھەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، ئادىمىيەت بىلەن ئىقتىسادقا قوش يۆنىلىشلىك كۈچ قوشۇلدى. بۇ قار پەسلىدىن بۇيان، مەركىزىي چوڭ كوچىنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ساياھەتچى ئېقىم مىقدارى 300 مىڭ ئادەم قېتىمدىن، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى 800 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.
بۇ زەنجىرگە «مۇقىملىق» بىلەن «ئىلگىرىلەش»نىڭ دىيالېكتىك مۇناسىۋىتى مۇجەسسەملەنگەن
پارقىراپ تۇرغان بىر پىچاق، بۇ چاڭچۈن بەينىڭدۈن تەنتەربىيە بۇيۇملىرى ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان 3D لىق پىرېسلانغان تىتان قېتىشمىسى كانكى پىچىقى. شىركەت مەسئۇلى ۋاڭ ياڭ ئىككى قولى بىلەن كۈچەپ، يېنىك ياي ئېگىپ چىقتى، «بۇ، ئەۋرىشىملىكنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، يەرنى چىڭ تۇتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرەتتى».
بۇ كانكى پىچاقنى بەي نىڭدۈن ئون نەچچە يىل تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى، قايتا-قايتا سىناق قىلدى...20 يىل ئىلگىرى، ۋاڭ ياڭ تېخى قىسقا يولدا تېز تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ، كانكى ئايىغى، كانكى پىچىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چەت ئەلدىن ئىمپورت قىلىناتتى، باھاسى يۇقىرى ئىدى، يەنە ئۆزىنىڭ پۇت شەكلى، تەنھەرىكەت ئادىتىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلاتتى؛ بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلار ئىشلەپچىقارغان كانكى پىچىقى، كانكى ئايىغىنىڭ يىللىق زاكاز مىقدارى 10 مىڭ جۈپتىن ئارتۇق بولۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇن تەنھەرىكەتچىنىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىق خەلقئارا مۇسابىقىلەردە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىشىگە ياردەم بەردى.
بىر پارچە مۇز خۇددى ئەينەككە ئوخشايتتى. بىڭشەن گۇرۇھى داليەندە قۇرغان بۇ 1650 كىۋادرات مېتىرلىق مۇز تېيىلىش مەيدانىدا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىدىن پايدىلىنىپ مۇز ياساش تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ، تۆۋەن كاربونلۇق، مۇھىت ئاسرايدىغان ئىدى. كۈچلۈك سوۋۇتۇش سىستېمىسى مۇزنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى باشتىن-ئاخىر نۆلدىن تۆۋەن 6 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن ساقلايدۇ؛ مۇز مەيدانىنىڭ سىرتىدىكى كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى ناھايىتى ئىللىق بولۇپ، ئېنېرگىيە تېجەش لايىھەسى قوللىنىلىپ، سوۋۇتۇش ئارقىلىق ھاسىل بولغان قالدۇق ئىسسىقلىق يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن پار بىلەن تەمىنلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ مۇز بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئالاقىدار مۇسابىقە ئىشلىرى ۋە مەشىق مەيدان-سارايلىرىغا ئىشلىتىلدى، يەنە تاۋارلاشتۇرۇپ كېڭەيتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 2015-يىلى، بىڭشەن گۇرۇھى قار-مۇز ئىشلىرى بۆلۈمى قۇردى، بۈگۈنكى كۈندە زال ئىچى مۇز تېيىلىش مەيدانى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش كەسپى دۆلەت ئىچى بازىرى ئۈلۈشىنىڭ %60تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، قار-مۇز كەسپى بۆلۈمىنىڭ تىجارەت كىرىمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان %20تىن ئارتۇق يىللىق ئېشىشنى ساقلىدى.
مۇز بىلەن پىچاق پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى: بەينىڭدۈن شىركىتى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ بىلەن ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ھەمكارلىقى ئورناتتى، ئەڭ يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياسىغان 3D لىق پىرېسلانغان تىتان قېتىشمىلىق كانكى پىچىقى چاڭچۈن شەھىرىنىڭ پەن تېخنىكا تەرەققىيات پىلانى مەدىتىگە ئېرىشتى؛ بىڭشەن گۇرۇھى ھەر يىلى تەخمىنەن 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، «ۋىۋىسكا ئېسىپ باشلامچى بولۇش»قا ئىشلەتتى، كارخانا سوئال چىقاردى، پەن تەتقىقات جاۋاب بەردى.
مۇز بىلەن پىچاق «مۇقىملىق» بىلەن «ئىلگىرىلەش»نى ئەكس ئەتكۈزىدۇ. «قار-مۇز ئىقتىسادى مەدەنىيەت-ساياھەت ئىقتىسادىلا ئەمەس.» جىلىن داشۆسى قار-مۇز ساياھىتى مەيدان-جابدۇقلىرى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇلازىمەت تېخنىكىسى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى شىن بېنلۇ مۇنداق قارىدى: ھۆكۈمەت مۇلازىمەت ۋە سېلىنمىنى يېتەكلەشنى ياخشى ئىشلەپ، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن كەسىپ زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ تېخىمۇ مۇھىمى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق قار-مۇز جابدۇقلىرىنىڭ ئەۋلاد ئالمىشىشى، ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كەسىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، «قانچىكى يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى شۇنچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىدۇ. قار-مۇز بازىرىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، قار-مۇز جابدۇق ياسىمىچىلىقى يېڭى بوشلۇققا ئايلىنىدۇ.
شەرقىي شىمال رايونى قار-مۇز جابدۇقلىرى كەسىپى باغچىسىنى مۇھىم، زور تۈر يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزدى. «مۇقىملىق»نىڭ ئاساسى مۇستەھكەملەنمەكتە، «ئىلگىرىلەش»نىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى توپلانماقتا، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچى تېز شەكىللەنمەكتە.