2021-يىلىدىكى ئۆتكۈنچى مەزگىلدىن بۇيان، 500 مىڭدىن ئارتۇق كادىر كەنتتە تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە سىجىل جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلدى

ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا كۆڭۈلدىكىدەك يار-يۆلەك بولۇش

2025.01.16 15:01 مەنبە: خەلق تورى

«كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋاقتىدا ياردەم بەرگەچكە، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى يەنە مۇقىم بولدى» دېدى گەنسۇ ئۆلكىسى لىنتاۋ ناھىيەسى بالىپۇ بازىرى يەنچۈەنزى كەنتىنىڭ ئاھالىسى مو يۇڭشېڭ سەمىمىيلىك بىلەن. لاۋمو ئائىلىسى ئاساسلىقى دېھقانچىلىقتىن كىرىم قىلاتتى، ئالدىنقى يىلى ئائىلىسىدە بىرەيلەن ئاغرىپ قېلىپ، ئەسلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان تۇرمۇشىدا يەنە ئازراق داۋالغۇش بولدى.

«ئۆيگە يەنە نېمە كېرەك؟»، «سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە سالامەتلىكىڭىز يار بېرەمدۇ؟ »... كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى بيەن شىمىڭ بىرىنچى ۋاقىتتا ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىدى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشنى ماسلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، لاۋ مونىڭ ئوغلىنى قۇرۇلۇش ئورنىغا بېرىپ ئىشلەشكە تونۇشتۇردى. كەنت يەنە يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت سېتىۋېلىشقا ياردەم بېرىپ، لاۋموغا جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى توشۇيدىغان ئىش تېپىپ بەردى. كۆپ تەرەپنىڭ تەڭ تۇتۇش قىلىشى بىلەن، لاۋمو ئائىلىسىنىڭ كىرىمىدە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولدى.

كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى ۋە خىزمەت ئەترىتىنى تاللاپ ئەۋەتىش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى. 2021-يىلىدىكى ئۆتكۈنچى مەزگىلدىن بۇيان، 31 ئۆلكە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ھەر قېتىمدا 500 مىڭدىن ئارتۇق كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى ۋە خىزمەت ئەترىتى ئەزاسىنى سىجىل تەشكىللەپ تاللاپ ئەۋەتتى، ئۇلار ئىلغار ئىدىيە، مەبلەغ، تۈر، تېخنىكا مۇلازىمىتىنى ئېلىپ بېرىپ كەنتتە تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىپ، يۇرتداشلار بىلەن بىللە بېيىش يولىغا ئاتلاندى.

ئىشلەمچىلىك قىلىش نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەرنىڭ مۇھىم كىرىم مەنبەسى. گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ كاڭشيەن ناھىيەسى جاڭجياخې كەنتىدە، جۇڭگو بىناكارلىق گۇرۇھى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ نۆۋەت كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىنى تاللاپ ئەۋەتتى. كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى جاڭ جيەنفېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر پۈتۈن كەنت بويىچە جەمئىي 143 كىشى سىرتقا چىقىپ ئىشلىدى. كەنت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى كۆزلەپ، ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، يېزا ئىگىلىكى-يېزا قاتارلىق تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى نۇقتا بويىچە جۇڭگو بىناكارلىق گۇرۇھى ئەمگەك مۇلازىمەت تۈرىگە ئۇدۇللاشتۇردى».

ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نۇرغۇن كەنتلەرنىڭ تەرەققىيات شارائىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار قانداق قىلىپ كەنتنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى؟

گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ رۇڭجياڭ ناھىيەسىدە، ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ساياھەت ئىدارىسىدىن كەلگەن لو لىپىڭ شىڭخۇا يېزىسى بەيبېي كەنتى ئۈچۈن «كەنت دەرىجىدىن تاشقىرى» مۇسابىقىسىنىڭ ئېقىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتۇۋالدى، مياۋزۇ قېرىنداشلار «ساياھەتنىڭ نېنىنى» يېدى، 2023-يىلىدىن بۇيان پۈتۈن كەنتتىكى 500دىن ئارتۇق ئادەم قېتىم ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتى، كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمى ئىككى قاتلاندى؛ ئۆلكىلىك ئاياللار بىرلەشمىسىدىن كەلگەن جوۋ چيەن زەيما بازىرى فېڭدېڭ كەنتىنىڭ «ئاياللار، بالىلار پائالىيىتى پونكىتى» قۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئائىلە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىش، يۇلتۇز دەرىجىلىك مەدەنىي ئائىلىلەرنى باھالاش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، يېزا-كەنت ئىدارە قىلىشقا ئۈن-تىنسىز ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى... رۇڭجياڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلار ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ ياڭ مۇنداق دېدى: «كەنتنىڭ قانداق تەرەققىيات ئېھتىياجى بولسا، بىز نىشانلىق كەسىپلەشكەن ئىختىساسلىقلارنى ئەۋەتىمىز».

كەنتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشەنچى كەنتتە تۇرۇشلۇق نۇرغۇن كادىرنىڭ يىل بويى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بىرىنچى سەپتە تۇرۇشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى.

گۇيجوۋ ئۆلكىسى ئەنشۈن ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا، خې شياۋيوۋ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ لۈچى كەنتى، داجى كەنتى ۋە خېشىڭ كەنتىگە تاللاپ ئەۋەتىلىپ، كەنتتە تۇرۇپ ياردەم بېرىش-يۆلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، قېرىنداشلارنىڭ ئېغىزىدىكى «لاي پۇتلۇق كادىر»غا ئايلاندى.

«شياۋيوۋ دائىم ئىشىڭلار بولسا مېنى ئىزدەڭلار» دەيتتى. بۇلتۇر خېشىڭ كەنتىدىكى بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ۋاڭ زەييۈننىڭ بېلى ئېھتىياتسىزلىقتىن چىم بولۇپ قالغاندا، خې شياۋيوۋ دەرھال ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۇنى داۋالاتقىلى ئاپاردى. كەنتتە تىراكتور بىلەن يەر ھەيدەش يولى ياساش، ئېرىق-ئۆستەڭ چېپىش، تاغ كۆلچەكلىرىنى رېمونت قىلىش قاتارلىق تۈرلەرنى ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن، خې شياۋيوۋ خىزمەت ئەترىتى بىلەن بىرلىكتە ھويلا-ئارام يىغىنى ئېچىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى، بۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىكنىڭ يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش ئاكتىپلىقى زور دەرىجىدە ئاشتى.

«ھازىر كەنتىمىزدە زور ئۆزگىرىش بولدى، تىرىشىپ ئىشلىسەكلا، كۈنلىرىمىز ئۈمىدكە تولىدۇ». كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ئىككى كومىتېتىنىڭ تۈرتكىسىدە، خېشىڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ياڭ يۇڭشياڭ كۆكتات تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ناھايىتى تېزلا ئىككى قەۋەتلىك ئۆي سېلىۋالدى.

كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنىڭ ياردەم بېرىش-يۆلەش نەتىجە-ئۈنۈمىنى قانداق تەكشۈرۈش كېرەك؟ ئەنخۇي ئۆلكىسى چاڭفېڭ ناھىيەسى پەسىل بويىچە كۆرگەزمە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىلارنى سەھنىگە چىقىپ ئەمەلىي نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش، يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىش، تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، نەتىجىلەرنى يىللىق باھالاش، ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەرنى باھالاشتىكى پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلدى. ياڭمياۋ بازىرى مايىڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى جۇڭ يۈ مۇنداق دېدى: «بۇ، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ئارىسىدىكى بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئۆزئارا تولۇقلاشنى كۈچەيتتى، شۇنداقلا كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا پايدىلىق. كەنتىمىزدە قەرەللىك ئۆتكۈزۈلىدىغان بازار، ياشلار يېزا-كەنت تىياتىر بايرىمى قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى كۆپ تەرەپ پىكىر ئالماشتۇرۇش داۋامىدا ئويلاپ چىققان چارە».

كەنتتە تۇرۇپ ياردەم بېرىش-يۆلەش خىزمىتىنىڭ يەنە بىر پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشتا، چوڭقۇر چۆكەلەيدىغان، تۇرۇپ قالالايدىغان، ئەسقاتىدىغان يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى سىجىل بەرپا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئادەم تاللاشتا قاتتىق بولۇش، جايلار ئۆتكەلنى چىڭ ئىگىلەپ، نامزات ئۆلچىمىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئادەم بىلەن يەرنىڭ ماس كېلىش دەرىجىسىنى تەھلىل قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەلالىرىنى تاللاپ كۈچلۈك ئەۋەتىشكە كاپالەتلىك قىلدى؛ تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، ئۆلكە دەرىجىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارغا دەل نىشانلىق كۈچ قوشۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇردى؛ كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈش، جايلار كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنىڭ خىزمەت خىراجىتى، تۇرمۇش ياردەم پۇلى، باھالاشتا مۇنەۋۋەر بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە نىسبەت بويىچە مايىللىشىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

2024-يىلى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى باشقۇرۇش كادىرلىرى شۆيۈەنى كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى ۋە خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى توردا ئۆگىنىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، تۇنجى تۈركۈمدە كەنتتە تۇرۇشلۇق 10 مىڭ كادىرنى ئۆگىنىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. «بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرىدىغان بەش يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىلنىڭ ئاخىرقى بىر يىلى بولۇپ، ھەرقايسى جايلارنى يېتەكچىلىك، ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە تەكشۈرۈش، باھالاش مېخانىزمىنى ياخشىلاشقا داۋاملىق يېتەكلەپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنىڭ ئىختىساسلىقلار تىرىكى بولۇش رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرىمىز» دېدى يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى رايون ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ