1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى سۇلىن بىلەن تېلېفونلاشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىۋاتقان، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى پەيتىدە، باش شۇجى سۇلىن بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. بۇلتۇر 8 - ئايدا، سىز جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدىڭىز، بىز ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. يېرىم يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتتىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى جايلار ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پائال تۇتۇپ، بىز كېڭىشىپ بېكىتكەن ھەمكارلىق ئىشلىرىدا پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگونىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى تاماملىنىدىغان يىل، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14 - قۇرۇلتايغا تەييارلىق كۆرىدىغان ئاچقۇچلۇق يىل، بۇ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە ئىلھام بېرىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككى تەرەپ سىجىل تۈردە پارتىيەنى گۈللەندۈرۈپ، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇپ، سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ دۇنيانىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى داۋامىدا تەرەققىي قىلىشى، زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنىڭ سىياسىي يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قويۇق ئالاقىنى داۋاملىق ساقلاش كېرەك. ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ھەمكارلىقىنىڭ ئالدىنقى سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، مۇقىم، راۋان بولغان چېگرا ھالقىغان كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى بەرپا قىلىش كېرەك. خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرىدىغان، ھارارەتكە تولغان، ئاممىغا يېقىن بولغان ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاخبارات، مەدەنىيەت - ساياھەت، يەرلىكلەر، ياشلاردىن ئىبارەت ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئارىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ خەلق رايى قۇرۇلۇشىنى بەرپا قىلىش كېرەك. خەلقئارا ۋە رايون ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 13 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن ۋىيېتنام خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، كۆپ جەھەتلەردىكى قىيىنچىلىق، خىرىسلارنى يېڭىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىدا يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىشىنىمەنكى، يولداش سۇلىن باشچىلىقىدىكى ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ۋىيېتنام پارتىيەسى، دۆلىتى، خەلقى 14 - قۇرۇلتاينى كۈتۈۋېلىش، 14 - قۇرۇلتاينى ياخشى ئېچىشنى چۆرىدەپ، ۋىيېتنامنىڭ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.
سۇلىن ئالدى بىلەن جۇڭگو شىزاڭدىكى يەر تەۋرەشتە ئادەم ۋە مال - مۈلۈكنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سەمىمىي ھال سورىدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو چوقۇم يەر تەۋرەش كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيدۇ. ۋىيېتنام جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە چىن قەلبىدىن قايىل، ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو چوقۇم ئىقتىساد كۆلىمى ۋە يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرىدۇ. ۋىيېتنام تەرەپ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ چوڭ يەرشارىۋى تەشەببۇسنى پائال قوللايدۇ ھەم مۇشۇ رامكا ئىچىدە جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا، ۋىيېتنامدا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، نۇرغۇن قىيىنچىلىق، خىرىسلارنى يېڭىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا يېڭى مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ۋىيېتنام ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14 - قۇرۇلتىيىغا تەييارلىق كۆرۈشنى نىشان قىلىپ، خەلقنى بېيىتىش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، دېموكراتىك، ئادىل، مەدەنىي بولۇشنى ئالاھىدىلىك قىلغان يېڭى تەرەققىيات دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ، بۇ جەرياندا جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېڭى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشىدىن تولۇق ئۆرنەك ئالىدۇ. ۋىيېتنام داۋاملىق تۈردە ۋىيېتنام - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تاشقى سىياسىتىدىكى 1 - دەرىجىلىك ئالدىن تاللاش قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ - تىزگىنلەپ ۋە ھەل قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ۋىيېتنام - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.
شى جىنپىڭ بىلەن سۇلىن جۇڭگو - ۋىيېتنام ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، يەنە بىر - بىرىگە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قۇتلۇق ھەم ئامان - ئېسەن بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.