بايا ئېلان قىلىندى! دۇنيا بويىچە بىرىنچى!

2025.01.15 14:27 مەنبە: خەلق تورى

1-ئاينىڭ 13-كۈنى، جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ سىرتقا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىل 1-ئايدىن 12-ئايغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 31 مىليون 282 مىڭ ۋە 31 مىليون 436 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %3.7 ۋە %4.5 ئاشقان، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مىقدارىدا بىردەك تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل داۋاملىق تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 12 مىليون 888 مىڭ ۋە 12 مىليون 866 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %34.4 ۋە %35.5 ئاشقان، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىش مىقدارى يېڭى ئاپتوموبىل ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارىنىڭ %40.9ىگە يەتكەن. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مىقدارى بىردەك 12 مىليوندىن ئېشىپ، ئۇدا ئون يىل دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ