ھەقسىز! ئۇدا سەككىز كۈن!

2025.01.13 15:22 مەنبە: خەلق تورى

1-ئاينىڭ 10-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىنىڭ جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە قوماندانلىق قىلىش ۋە تورلاشتۇرۇپ ھەق ئېلىش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ تاشيوللىرىدا يەتتە كىشىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىدىن يۈرۈش ھەققى ئېلىنمايدىكەن، ھەقسىز يۈرۈش ۋاقتى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى (باھار بايرىمى ھارپىسى) سائەت 0 دىن 2-ئاينىڭ 4-كۈنى (باھار بايرىمىنىڭ 7-كۈنى) سائەت 24 كىچە بولىدىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ